كېسەلنى كۆرسىتىپ بولغاندىن دورا يىگەن چاغدا ، ھەر بىر بىمارلار دائىم دورا دەرھال رولىنى كۆرسەتسە ، كېسەل دەرھال ساقايغان بولسا بوپتىكەن دەپ ئويلايدۇ لېكىن دورا يىگەندىن كېيىن كېسەللىك ئالامەتلىرى ياخشىلانمىسا ، كاللىسىغا ھەرخىل قالايمىقان خىياللار كىر

 
          يەنە مۇنداق بىر خىل ئەھۋال بار . بىمارنىڭ كېسىلى توغرا دىئاگنوز قويۇلغان ،داۋالاشمۇ توغرا لېكىن دوختۇرلار بىمارلارغا دورا قانچىلىق ۋاقىتتىن كېيىن رولىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېنىق دەپ بەرمىگەچكە ، بىمارلار دائىم باشقىچە ئويلاپ قېلىپ ، 1~2 كۈن كېسەل ئالامەتلىرى ئۆزگەرمىسە دورا توختىتدۇ ياكى مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ ۋە ياكى دورا ئالماشتۇرىدۇ ، بەزى بىمارلار ئوخشىمىغان دوختۇرخانىلارغا قايتا-قايتا بېرىپ كۆرۈنۈپ ، ئۆزىگە بولغان روھىي بېسىمنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ .بۇ ھەم پۇلغا زىيان ھەم داۋالاش كېچىكىپ كېتىپ قالىدۇ . شۇڭلاشقا دورا قانچىلىق ۋاقىتتىن كېيىن رولىنى كۆرستىدىغانلىقى ناھايىتى مۇھىم .
 
          دورا ئۈنۈمىنى كۆرستىشى ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى ئوخشىمايدۇ ، بەزىلىرى نەچچە مىنۇتتىلا تەسىر قىلىدۇ ، بەزىلىرى نەچچە ھەپتىگە سوزۇلۇپ كېتىدۇ . تۆۋەندىكىسى نەچچە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىچىدىغان دورىلارنىڭ ئۈنۈم كۆرسىتىش ۋاقتى بېرىلدى .
 
 
          قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش دورىسى:
 
          ئۇزۇن مۇددەتلىك قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش دورىسى ، ئۈنۈم كۆرسىتىش ۋاقتى 2~4 كۈن ، بەزىلىرى 1 ھەپتە ۋاقىت كېتىدۇ .
 
          فۇفاڭ قان بېسىمى چۈشۈرۈش تابلىتكىسى复方降压片 ، بېيجىڭ قان بېسىمى چۈشۈرۈش 0-نومۇرلۇق تابلىتكىسى北京降压0号片 ، رېزېرپىن 利血平)لىىشۆپىڭ( قاتارلىقلارنىڭ ئۈنۈم كۆرسىتىش ۋاقتى 7~10 كۈنگىچە ؛
 
          ئىندا پارمىدا تابلىتى( 吲达帕胺,寿比山) نىڭ ئۈنۈم كۆرسىتىش ۋاقتى 1 ھەپتە ، 4~8 ھەپتىدە ئۈنۈمى 84% كە يېتىدۇ ؛
 
          ئانتىستېرون 安体舒通 ئىشلىتىلگەندىن كېيىنكى 3-كۈنىدە قان بېسىمى چۈشىدۇ ؛
 
          دىھىدروخلوروتىئازىد 双氢克尿噻 ، ترىئامېترېن 氨苯喋啶 بىلەن قان بېسىمىنى چۈشۈرسە 1 ھەپتىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ،سۇلۇق ئىششىق يېنىش ئۈچۈن 1~2 ھەپتە ۋاقىت كېتىدۇ؛
 
          كاتوپرىل 卡托普利 ئۈنۈم كۆرسىتىش ئۈچۈن 3 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ؛
 
          قەنتنى چۈشۈرۈش دورىسى:
 
          قەنت چۈشۈرش دورىسىنىڭ رولى غىزالىنىش بىلەن ئىچكى بەدەننىڭ قەنت ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ، ئۈنۈم ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ .
 
          ياغ مىقدارىنى تەڭشەش دورىسى:
 
          كۆپ ساندىكى ياغ مىقدارىنى تەڭشەش دورىسىنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىنكى 1~2 سائەت ئىچىدىلا دورا پارچىلىنىپ ، قانغا كىرىپ بولىدۇ . لېكىن قاندىكى ياغ مىقدارىنىڭ تۆۋەن تۆۋەنلىمىگەنلىكىنى 2~4 ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن تەكشۈرۈش لازىم .
 
 
          بوتقىسىمان يۈرەك كېسىلىگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار:
 
          ئامىئودارون胺碘酮 دورىسى بىلەن يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشى ۋە ياكى يۈرەك سانجىقىنى داۋالىغاندا ، ئۈنۈم كۆرستىشى ۋە ئۈنۈمى ئۆتۈش ۋاقتى بىر قەدەر ئاستا بولۇپ ، 7~10 كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدۇ ، داۋالاش كۇرسى توشماي تۇرۇپ ھەرگىزمۇ قالايمىقان مىقدارىنى كۆپەيتمەسلىك ، زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم .
 
          پىرسانتىن 潘生丁 ئادەتتە 3 ھەپتىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
 
 
 
          ھورمون تۈرىدىكى دورىلار:
 
          ئىچكى ئاجراتما رولى تۆۋەن كېسەللىكلەر مەسىلەن قانقانسىمان بەز رولى تۆۋەنلىگەن كېسەللىككە ، تېروكسىن ئىشلىتىلىدۇ ؛ ھەيىز كېسىلىش دەۋرى يىغىندى ئالامىتى گە نىلېسترىئول 尼尔雌醇 دورىسى ئىشلىتىلىدۇ؛ سوزۇلما خاراكتىرلىك بۆرەك ئۈستى بەز پوستلاق خىزمىتى ئاجىزلاش كېسىلىگە پرېدنىزون 强的松 ئىشلىتىلىدۇ؛بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاۋۋال كىچىك مىقداردىن بېرىلىپ ، ئاندىن مىقدارىنى بارا-بارا كۈچەيتىش لازىم ،2~4 ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ . L-دوپا ئارقىلىق پاركىنسون كېسىلىنى داۋالىغاندا ئادەتتە 2~3 ھەپتىدە كېسەللىك ئالامىتى ياخشىلىنىدۇ .
 
نۇرمۇھەممەت دانىش تەرجىمىسى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار دورىنى قانداق ۋاقىتتا توختاتسا بولىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دورا ئىچكەندىكى قايناقسۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .