سەكتە ئاغرىقلىرىنى داۋالايدىغان دورىلار، ئاساسلىقى، خەتەرلىك ئامىللارغا تاقابىل تۇرۇشنى ئاساس قىلىدۇ

مەسىلەن: قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى بىلەن قان بېسىمىنى كونترول قىلغىلى، قاندىكى شېكەر تەركىبى ۋە ياغ تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى بىلەن قاندىكى قەنت ۋە ياغ تەركىبىنى كونترول قىلىپ تەڭشىگىلى، قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىدىغان دورىلار بىلەن قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


دورا ئارقىلىق داۋالاشنىڭ مەقسىتى بۇ كېسەلنىڭ قايتىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ، دورىنى ئۇزاق مۇددەت ھەتتا ئۆمۈر بويى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

   نۇرغۇن ئاغرىقلار ئۇزاق مۇددەت دورا ئىشلەتسە ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئەھۋالىدا سەل ياخشىلىنىش بولسىلا دورىنى توختىتىشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، دورا كېسەلنى ۋاقىتلىق كونترول قىلىپ تۇرىدۇ، لېكىن ئۇ كېسەلنىڭ ساقايغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، شۇڭا بۇنداق ئاغرىقلارنىڭ داۋاملىق دورا ئىشلىتىشى ئىنتايىن مۇھىم.
 
شىنجاڭ گىزىتىدى ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

ئالدىنقى ماقالىمىزدا دورا ئىشلىتىشتىكى خاتا كۆز قاراش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دورا ئىستىمال قىلىپ قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن رولى كۆرۈلىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .