كۈندىلىك تۇرمۇشتا دورىنى قايسى ۋاقىتتا ئىچكەن ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟



1.قۇۋۋەت دورىلىرى .
ئادەمگىياھ , ئانا ھەرە قىيامى , ئاپىلاك قاتارلىقلارنى ئەتتىگەن ئاچ قورساق ۋاقىتتا ياكى كەچتە ئۇخلاشنىڭ ئالىدىدا ئىچىش لازىم
 
2. ھەزىم قىلىشقا ياردەم قىلىدىغان دورىلار. تاماقتىن بۇرۇن 10مىنۇت بۇرۇن ئىچسە , ھەزىم قىلىش سۇيۇقلىقىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ , دورىنىڭ يىمەكلىك بىلەن ئارىلىشىشىغا پايدىلىق .
 
3.ئۇخلاتقۇچى , سۈرگۈچى , مەددە چۈشۈرگۈچى دورىلارنى ئادەتتە كەچتە ئۇخلاشنىڭ يېرىم سائەت بۇرۇن ئىچىش لازىم . (تېز تەسىر قىلىدىغان سۈرگۈچى دورىى ئەتتىگەندە ئاچ قورساققا ئېچىش لازىم ) .
 
4.ۋىتامىن تۈرىدىكى دورىلار . بۇلارنى ئادەتتە ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا ئىچىش .(ۋىتامىن Kبىلەن قان توختاتقاندا ئۇنى دەرھال ئىچىش )لازىم .
 
5.باكتىرىيىگە قارشى دورىلار .بۇلارنىڭ سىرتقا ئاجرىلىپ چىقىشى تېز بولغاچقا , قان سۇيۇقلۇقىدا بەلگىلىك قۇيۇقلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن , ھەر ئالتە سائەتتە بىر قېتىم ئىچىش لازىم .
 
6.قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش دورىلىرى . ئادەم بەدىنىدىكى بىئولوگىيىلىك سائەتنىڭ رېتىمىگە ئاساسەن قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش دورىسىدىن ئەتىگەن سائەت 7دە , چۈشتىن كېيىن 3تە ۋە كەچ سائەت 7دە ئىچىش لازىم . بولۇپمۇ ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىكنىڭ دورا مىقتارى چۈشتىن كېيىنكىدىن ئاز بولۇشى , ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئىچمەلىك لازىم .
 
7.تېرىنىڭ زىيادە سەزگۈلىكىنى داۋالاش دورىلىرى . مەسىلەن , خلورغىنىرامىن , بېنادرىللارنى ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئىچىش لازىم .
 
8.ئاشقازاننى غىدىقلىغۇچى دورىلار , مەسىلەن ئاسپىرىن قاتارلىق دورىلارنى تاماقتىن يېرىم سائەت كېيىن ئىچىش لازىم .
 
9.ياللۇغ قايتۇرۇش دورىلىرى . رىماتىزىملىق ياكى ساختا رىماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ھەر كۈنى سەھەردە ياكى چۈشتىن بۇرۇن بوغۇملارنىڭ ئاغرىشى بىر قەدەر ئېغىر بولغاندا ئىچىش لازىم , مەسىلەن , ئىندومېتاسىن قاتارلىق دورىلارنى ئەتتىگەندە كۆپ مىقتاردا ئىچىشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولۇپ چۈشتىىكى بىر ۋاخلىقىنى ئىچمىسىمۇ بولىدۇ .
 
10.گورمون تۈرىدىكى دورىلار . ئادەم بەدىنىنىڭ گورمون تۈرىدىكى دورىلارغا ئىنكاسى بەزى ۋاقىتلاردا رىتىملىق بولىدۇ . مەسىلەن , ئەتىگەن سائەت 9~6قان سۇيۇقلۇقىنىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى , كەچ سائەت 12 ئەتراپىدا ئەڭ تۆېەن بولغاچقا , گورمون تۈرىدىكى دورىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن ئىچىش لازىم .
 
11.تۆمۈر ماددىسى . قان ئازلىق كېسىلگە گىرىپتار بولغانلار تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاش لازىم . بۇ تۈردىكى دورىلارنىڭ كەچ سائەت 7دە ئىچكەنگە قارىغاندا ئەتىگەن سائەت 7 دە ئىچكەن بىر قەدەر ياخشى . 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان دورا ۋە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دورا ئىشلىتىشتىكى خاتا كۆز قاراش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .