بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان دورا ۋە يېمەكلىكلەرنى خالىغان ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ

ئادەم ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە ياكى ياشانغاندا بەدەندىكى قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كېتىدۇ ، شۇڭا ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار تەركىبىدە گىلۇكوزا مول بولغان بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان دورا ۋە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقى ، بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھەرگىز ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك .

چۈنكى ئادەم ئۇخلىغاندا يۈرەكنىڭ سوقۇش رىتىمى ئاستىلاپ كېتىدىغان بولغاچقا ، بەزى قۇۋۋەت يېمەكلىكلىرى بىلەن دورا تەركىبىدىكى شېكەر قىيامى تۈرىدىكى ماددىلار قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىپ ، ئايرىم ئەزالاردا قان دىنامىكىسىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، مېڭىدە قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىم ، قاندىكى ماي ماددىسى ئېشىپ كېتىش ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك كېسىلى بار ئاغرىقلار ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان دورا ۋە يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىشى ، ئەڭ ياخشىسى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا دورىغا چىداشلىق باكتېرىيەلەر ئىچكى ئەزالاردا بىر قانچە يىل ساقلىنالايدىكەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دورىنى قايسى ۋاقىتتا ئىچكەن ئەڭ مۇۋاپىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .