ئۇيقۇ دورىسى ئىچكەندىن كېيىن ئادەم راھەتلىنىپ ئۇخلايدۇ ، چۈنكى ئۇيقۇ دورىسى نەپەس مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى تورمۇزلاپ ، نەپەسلىنىش رېتىمىنى تەدرىجىي ئاستىلىتىپ ئۇيقۇنى كەلتۈرىدۇ ئەمما سوزۇلما كانايچە ياللۇغى ، سوزۇلما ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرى ئۇيقۇ


بۇ خىل ئاغرىقلار ئۇيقۇ دورىسى ئىچكەندىن كېيىن ئۈنۈملۈك ھاۋا ئالماشتۇرۇش مىقدارى ئازىيىپ نەپەسلىنىش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ . ئاغرىقنىڭ ئۆپكىسىدىكى كاربون تۆت ئوكسىد ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەي ، نەپەسلىنىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراپ كېسەلنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ .

بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى كىشلەردىكى ئۇيقۇسىزلىقنى نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن . بۇنداق ۋاقىتتا كېسەلنى قاراتمىلىق ھالدا داۋالىتىش ، ھەرگىز ئۇيقۇ دورىسى ئىچىش ئارقىلىق ئۇيقۇسىزلىقنى ۋاقتىنچە تۈگىتىشنى ئويلىماسلىق كېرەك .

يەنە زىققا ئاغرىقلىرى ئۇيقۇ دورىسى ئىچسە بولمايدۇ ،چۈنكى بۇ خىل ئاغرىقلارنىڭ كېسىلى كېچىسى ياكى سەھەردە قوزغىلىدىغان بولغاچقا ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئۇيقۇ دورىسى ئىچكەندە ئاسانلا كانايچە سىپازمىلىنىش كېلىپ چىقىپ ، زىققىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ .

نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسىلى بار ئاغرىقلاردا ئۇيقۇسىزلىق كۆرۈلگەندە چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىتىش ، ھەرگىزمۇ ئۆزى بىلگىنىچە دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك .
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاشقازان كېسىلى بارلارغەربچە دورىلار بىلەن جۇڭيىچە دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچمەس تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ ئۆزگىرىشى ئېغىر ئىكەن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .