بىر قىسىم ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ئاشقازان كېسىلىنى داۋالىغاندا، غەربچە دورىلارنىڭ ئ

   بىر قىسىم ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ئاشقازان كېسىلىنى داۋالىغاندا، غەربچە دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى چوڭ، دەپ قاراپ، غەربچە دورىلارنى ئاشقازان ئاغرىقىنى توختىتىشقا ئىشلىتىپ، جۇڭيىچە دورىلار بىلەن ئاشقازان كېسىلىنى داۋالايدۇ. يەنە بەزى ئاغرىقلار ئىككى خىل دورىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلغاندا داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلمەيلا قالماي، ئەكسىچە كېسەل ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.


چۈنكى كۆپىنچە ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىگە دورىلاردا ئوخشاش تەركىبلەر كۆپ بولىدۇ، شۇڭا ئۆسۈملۈك ۋە باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان، بىز تەركىبىنى بىلمەيدىغان جۇڭيىچە دورىلاردا بەلكىم غەربچە داۋالاش رولىغا ئىگە تەركىبلەر بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر داۋالاش مەزگىلىدە مەلۇم بىر خىل تەركىبنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا، ئىككى خىل دورىنى تەڭ ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

   ئۇنىڭدىن باشقا بەزى دورىلار، مەسىلەن: ئاسپىرىن، قان قەنتىنى، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلار ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئاشقازان يەللىكى، ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەسلىدە بار كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، جۇڭيىچە دورىلارنى ھەرگىز قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك، بولۇپمۇ ئاشقازان كېسىلى بار ئاغرىقلار مەيلى قايسى خىل دورىنى ئىشلەتكەندە بولسۇن، ئاۋۋال دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشى كېرەك.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاموشىلىن ئىچكەندە كەرەپشە يېمەڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇيقۇ دورىسى نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .