ئوسما يىلتىزى ( 板兰根) تەركىبىدە كۆپ خىل باكتېرىيىگە قارشى تەركىبلەر بولۇپ، ئىسسىق قايتۇرۇپ، زەھەر ھەيدەيدۇ زۇكام، يۇقۇملۇق زۇكام، كۆز قىزىرىش كېسىلى، قىزىل قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاش رولىغا ئىگە

  ئوسما يىلتىزى ( 板兰根) تەركىبىدە كۆپ خىل باكتېرىيىگە قارشى تەركىبلەر بولۇپ، ئىسسىق قايتۇرۇپ، زەھەر ھەيدەيدۇ. زۇكام، يۇقۇملۇق زۇكام، كۆز قىزىرىش كېسىلى، قىزىل قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاش رولىغا ئىگە. بىر قىسىم كىشىلەر ئوسما يىلتىزى تالقىنىنىڭ ھېچ قانداق ئەكس تەسىرى يوق، خالىغانچە ئىچسە بولىۋېرىدۇ، دەپ قاراپ، كېسەل بولمىسىمۇ ئوسما يىلتىزى تالقىنى ئىستېمال قىلىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس.


ئوسما يىلتىزى تالقىنىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى قىرتاق بولۇپ، ئىسسىق يەلدىن بولغان زۇكام (مەسىلەن، گېلى ئىششىپ ئاغرىش، كۆز قىزىرىش ئالامىتى كۆرۈلگەن زۇكام) غا مەنپەئەت قىلىدۇ، لېكىن سوغۇق يەلدىن بولغان زۇكام (مەسىلەن، قىزىش، بۇرۇندىن پوتلا ئېقىش ئالامىتى كۆرۈلگەن زۇكام) غا ئۈنۈمى ئانچە ياخشى ئەمەس. ئەگەر ساغلام كىشىلەر ئوسما يىلتىزى تالقىنىنى كۆپ ئىچسە، سالامەتلىكىگە زىيان يېتىدۇ. شۇڭا، ئوسما يىلتىزى ئىچكەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.
 
  1. بىر قىسىم كىشىلەر زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوسما يىلتىزى تالقىنىنى قايناقسۇغا ئارىلاشتۇرۇپ چاي ئورنىدا ئىچىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس. ئوسما يىلتىزى تالقىنى بىلەن بەزى زۇكام ۋە يۇقۇملۇق نەپەس يولى كېسەللىرىنى داۋالىغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ، سوغۇق يەلدىن بولغان زۇكام، زەئىپلىشىشتىن بولغان زۇكام، مۇئەننەس زەئىپلىكتىن بولغان زۇكاملارغا ئانچە ئۈنۈمى بولمايدۇ .
 
  2. ساغلام كىشىلەر ئوسما يىلتىزى تالقىنىنى كۆپ ئىستېمال قىلسا تال ۋە ئاشقازىنىنى زەخىملەندۈرۈپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئورۇقلاش، ماغدۇرسىزلىنىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.
 
  3. تېنى ئاجىز، توڭلاپ تۇرىدىغان، تال ۋە ئاشقازىنى ئاجىز، ئاسان ئىچى سۈرىدىغان كىشىلەر ئوسما يىلتىزى تالقىنى ئىچىش ئارقىلىق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالسا بولمايدۇ. بولمىسا، توڭلاش، ئاشقازىنى ئاغرىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.
 
  4. بالىلارنىڭ ئورگانىزمى تولۇق يېتىلىپ بولمىغاچقا، قىرتاق ھەم تەبىئىتى سوغۇق ئوسما يىلتىزى تالقىنى ئاسانلا ئۇلارنىڭ ئاشقازىنىنى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن. شۇڭا، بالىلارغا چوڭلارنىڭ مىقدارى بويىچە ھەمدە ئۇزۇن مۇددەت ئوسما يىلتىزى تالقىنى ئىچكۈزۈشكە بولمايدۇ.
 
  5. ئوسما يىلتىزى تالقىنىنى كۆپ ئىچسە تېرە، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، قان ئىشلەش ئەزالىرىدا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ، باش قېيىپ، كۆز تورلىشىش، كۆكرەك سىقىلىش، ھاسىراش، قۇسۇش، يۈز ۋە كالپۇك كۆكىرىش، بىرىكتۈرگۈچى پەردىگە قان تولۇش، كۆز ئىششىپ ئاغرىش، تىت - تىت بولۇش، پۇت - قوللار ئۇيۇشۇش، پۈتۈن بەدەن قىچىشىش، تېرىگە ئەسۋە چىقىش، قاتتىق تەرلەش قاتارلىق كېسەل ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئوسما يىلتىزى تالقىنىنى قالايمىقان ئىچمەسلىك، ئىچىشكە توغرا كەلسە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن ئىچىش كېرەك. (ئادىل نۇرى تەرجىمىسى) 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا دورىنى زەھەرگە ئايلاندۇرىدىغان 14خىل يېمەكلىك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ۋىتامنىلىق دوىلارنى تاماقتىن كىيىن ئىچىش مۇۋاپىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .