ئادەتتە بەزى كىشىلەر بېشى ئاغرىسىلا ئالدىراپ ئاغرىق توختىدىغان دورىلارنى ئىچىدۇ،

ئادەتتە بەزى كىشىلەر بېشى ئاغرىسىلا ئالدىراپ ئاغرىق توختىدىغان دورىلارنى ئىچىدۇ، بۇنداق قىلغاندا دورا ئەكىس تەسىر بېرىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا باش ئاغرىغاندا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىش كېرەك. 
 
1. يېتىپ ئارام ئېلىش: بېشىنى ئېگىز قىلىپ، 10 مىنۇت يېتىۋالسا، جىددىيلىك پەيدا قىلغان باش ئاغرىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. 
 
2. بويۇننى نەمدەش: سوغۇق سۇغا چىلانغان لۆڭگىنى ئۈچ مىنۇتتا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ بويۇننى نەمدەپ بەرسە، قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراشتىن پەيدا بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 
 
3. پۇتنى يۇيۇش: ئىككى جاۋۇرغا ئايرىم-ئايرىم ئىسسىق ۋە سوغۇق سۇ ئېلىپ، ئىككى پۇتنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ چىلاپ بەرسە، قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراشتىن پەيدا بولغان باش ئاغرىقى توختايدۇ. 
 
4. نەپەسلىنىش ھەرىكىتى: دېرىزىنى ئېچىۋېتىپ، چوڭقۇر نەپەس ئالسا، مىڭىگە ئوكسىگىن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 
 
 « شىنجاڭ مائارىپى » ژورنىلى
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا دورا ئىستىمالىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دورىنى زەھەرگە ئايلاندۇرىدىغان 14خىل يېمەكلىك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .