دورا ئىستىمال قىلغاندا دورىنىڭ تۈرلىرىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى بىرقانچە ئىشلارغا دېققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز:


 1.دورا ئىچكەندە تاماكا چەكمەڭ .

2.ئاسپىرىننى ھاراق ۋە مىۋە شەربىتى بىلەن بىللە ئىچمەڭ .

3.بىربېرىن(黄连素)نى چاي بىلەن بىللە ئىچمەڭ .

4.بىروفىن(布洛芬)نى قەھۋە ۋە كولا بىلەن ئىچمەڭ .

5.ئانتىبىئوتىك(抗 菌 素)دورىلارنى سۇت ۋە مىۋە شەربەتلېرى بىلەن ئىچمەڭ .

6.كالتىسىينى پالەك بىلەن بىللە ئىستىمال قىلماڭ .

7.زىيادە سەزگۇرلۇككە قارشى دورىلارنى ئېرىمچىك بىلەن بىللە ئىستىمال قىلماڭ .

8.ئىچ سۇرۇشنى توختاتقۇچى دورىلارنى سۇت بىلەن بىللە ئىچمەڭ .

9.ئاشقازاننى كۇچەيىتكۇچى ئاچچىق دورىلارنى تاتلىق يىمەكلىك بىلەن بىللە ئىسىتمال قىلماڭ .

10.سۇيدۇكنى راۋانلاشتۇردىغان دورىلارنى بانان ۋە ئاپىلسىن بىلەن بىللە ئىستىمال قىلماڭ .

11.ۋىتامىنcبىلەن راكنى بىللە ئىستىمال قىلماڭ .

12.قۇۋۋەتلەندۇرۇش تۇرىدىكى جۇڭيى دورىلېرىنى تۇرۇپ بىلەن بىللە ئىستىمال قىلماڭ .

13.قان بېسىمنى توۋەنلەتكۇچى دورىلارنى ئاپىلسىن شەربىتى بىلەن بىللە ئىچمەڭ .

14.فېرمىنلىق دورىلارنى ئىسىىق سۇ بىلەن ئىچمەڭ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قايسى دورىلار ياشانغانلاردا كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى باش ئاغرىسا ئالدىراپ دورا ئىچمەڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .