دورا كېسەللىكلەرنى داۋالاش ، دىئاگنوز قويۇش ھەم ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ ، ساقلىقنى ساقلاش يىمەكلىكلىرى بولسا ساقلىنىق ساقلاش ھەم قوشۇمچە داۋالاش رولىغا ئېگە ئىككىسى ئارىسىدا كۆرۈنەرلىك پەرق بار لېكىن بەزى مەھسۇلاتلار مەسىلەن ۋىتامىن ، كان مادد

 ساقلىقنى ساقلاش يىمەكلىكى---保健产品

دورا---药品

               بىرىنجىدىن،دورىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىش ھەم تۈزۈلۈش تەركىبى ، ئىشلەپ چىقىرىش ئىقتىدارى ھەم تېخنىكا شارائىتلىرىنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈشى ، ھەم دورىگەرلىك ، پاتولوگىيە ، ۋىرۇسلۇق تەكشۈرۈش قاتارلىق بىر قانچە تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈشى ، كۆپ يىللىق كېلىنىكلىك كۈزىتىشتىن ئۆتۈشى ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن بازارغا سېلىنىدۇ . لېكىن ساقلىقنى ساقلاش يىمەكلىكلىرى دوختۇرخانىنىڭ كېلىنىكلىك تەجرىبىلىرىدىن ئۆتكۈزمىسىمۇ بازارغا سالسا بولىدۇ . شۇڭلاشقا ، دورا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلىتىش روللىرى ، مۇۋاپىق كېلىدىغان كېسەللىك ھەم ئەكىس تەسىرلىرىنى ئېنىق كۆرسىتىلگەن . لېكىن ساقلىقنى ساقلاش يىمەكلىكىنىڭ يۇقارقى تەكشۈرۈش باسقۇچلىرى بولمىغاچقا ، داۋالاش رولىنى ئېنىق بېكىتمىگەن .

               ئىككىنجىدىن،ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ساپاسىنى كونتىرول قىلىش ئوخشىمايدۇ . دورىغا تەۋە بولغان ۋىتامىن مەھسۇلاتلىرى ، چوقۇم دورا كارخانلىرىدا ئىشلەپ چىقىرىلىشى لازىم . بۇ جايدا ھاۋانىڭ پاكىزلىق دەرىجىسى ، باكتىرىيە دەرىجىسى ، خام ئەشيانىڭ سۈپىتى ...قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت دورا-يىمەكلىك نازارىتى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم . نۆۋەتتە بارلىق دورا ئىشلەپ چىقىرىش تەلەپلىرى GMPئۆلچىمى گە يېتىش تەلەپ قىلىنغان . ساقلىقنى ساقلاش يىمەكلىكى تۈرىگە كىرىدىغان ۋىتامىننى تىلغا ئالساق ، بۇلار يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىدا ئىشلەپ چىقارسا بولىدۇ ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئۆلچەملىرى دورا ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچەملىرىگە قارىغاندا سەل تۆۋەنرەك بولىدۇ .

               ئۈچىنجىدىن،داۋالاش رولى ئوخشىمايدۇ . دورا ، چوقۇم كۆپلىگەن كېلىنىكلىك ئىسپاتلاشتىن ئۆتۈشى ، دۆلەت دورا-يىمەكلىك نازارەت باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈشى ، ئېنىق بولغان مۇۋاپىق كېلىدىغان كېسەللىكى بار ، كېسەللىكنى داۋالىغاندا چوقۇم مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈمى بولۇشى كېرەك . لېكىن ساقلىقنى ساقلاش يىمەكلىكى ،داۋالاش ئۈنۈمى يوق ، كېلىنىكلىك ئىسپاتلاشتىن ئۆتمىسىمۇ بولىدۇ ، پەقەتلا باكتىرىيە ھەم بۇلغىنىش دەرىجىسى قاتارلىق تازىلىق ئۆلچەملىرى بويىچىلا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتسىلا بازارغا سالسا بولىدۇ . شۇڭلاشقا ئىستىمالچىلار دورا تاللىغاندا ، بېخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ، دۆلەت دورا-يېمەكلىك نازارىتى (SFDA)نىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ، <<OTC>> بەلگىسى قويۇلغان (رىتسىپسىز دورا) دورىلارنى تاللىشىنى ، سېتىۋالغاندا تەپسىلى چۈشەندۈرۈش كىتاپچىسى بار يوقلىقىنى ، ھەمدە چۈشەندۈرۈش كىتاپچىسى بويىچە ئىستىمال قىلىشىنى ، ھەرگىزمۇ نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىستىمال قىلماسىلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز . 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قىممەت باھالىق دورىلارنىڭ ھەممىسى ياخشىمۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دورىنى ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالغاندا قانداق تولۇقلاش لازىم؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .