كۆپلىگەن كىشىلەر دورا ئىستىمال قىلغاندا مۇنداق بىر ئىشقا ئادەتلەنگەن ، دائىم بىر يۇتۇم سۇ بىلەنلا ياكى قېشىدىكى چاي ئارقىلىقلا دورىنى يۈتۈۋېتىدۇ بۇنداق دورا يېيىش ئۇسۇلى توغرا ئەمەس بۇ ئارقىلىق دورىنىڭ بەدەنگە نورمال سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يېتىپ دورا ئۆزى


             دورا يىگەندە قايناقسۇ ئىچىش ئارقىلىق بۆرەكنى قوغدىغىلى بولىدۇ .

             دورا يىگەندە كۆپلىگەن سۇ ئىچسە ، دورىنىڭ تېز سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسى بولۇپ ، دورىنىڭ بۆرەكنى زەخىملەندۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . بولۇپمۇ سۇلفادنىلامىد 磺胺 تۈرىدىكى دورىلارنى ئىستىمال قىلغاندا سۇنى كۆپرەك ئىچىش كېرەك . سۇلفادنىلامىد 磺胺تۈرىدىكى دورىلار بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن مىتابولىزىم بولۇشى ئاساسلىق بۆرەكتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ . بەزىدە سۈيدۈكتىن چىققاندا خىرىستال شەكلىللىنىپ قېلىپ ، بەل ئاغرىش ، سۈيدۈكتە قان پەيدا بولۇش ، ئاقسىللىق سۈيدۈك ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ ، ئېغىر بولغانلىرىدا خىرىستال سۈيدۈك يولىغا تاقىشىپ قېلىپ سۈيدۈكنىڭ نورمال چىقىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قېلىشى مۇمكىن .  سۇنى كۆپ ئىچكەندە ، سۈيدۈكنىڭ مىقتارىنى كۆپەيتكىلى بولۇپ ، سۈيدۈكتىكى دورىنىڭ قۇيۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ ، خىرىستال شەكىللىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، بۆرەككە بولغان زەخمىسىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ . ئۇنىڭدىن سىرت زۇكام بولغان بىمارلار APC قاتارلىق قىززىتما چۈشۈرۈش دورىسىنى ئىستىمال قىلغاندا ، كۆپلىگەن سۇ ئىچسە ، بەدەندە كۆپلىگەن سۈيدۈكنى شەكىللەندۈرۈپ ، زەھەرلەرنىڭ بەدەن سىرتىغا سۈيدۈك بىلەن چىقىپ كېتىشىگە ياردەم بېرىدۇ ، ھەم بۇنىڭ بىلەن بىرگە قىززىتما چۈشۈرۈش دورىسى بەدەننىڭ تەرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا ، سۇ ئىچىش ئارقىلىق بەدەندىن چىقىپ كەتكەن سۇنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ .

             لېكىن بەزى دورىلارنى ئىستىمال قىلغاندا سۇنى زىيادە ئىچىۋەتسە بولمايدۇ . مەسىلەن يۆتەل توختىتىش شىكەرلىك قىيامى 止咳糖浆 ئىچكەندە دورا سۇيۇقلۇقى ياللۇغ پەيدا بولغان كىكىردەك قىسمىغا بېرىپ چاپلىشىپ تۇرۇپ بىر قەۋەت قوغداش پەردىسىنى شەكىللەندۈرۈپ ، ياللۇغنىڭ چوڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، غىدىقلاشنى ئازايتىشتەك روللارنى ئۆتەيدۇ . شۇڭلاشقا دورىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن 5 مىنۇت ئىچىدە سۇ ئىچمەسلىك كېرەك . بەزى سۇدا چىلاپ ئىچىدىغان دورىلارنىمۇ ھەددىدىن زىيادە سۇ قوشۇۋەتمەسلىك كېرەك .


             دورا يىگەندە سۇنى يېتەرلىك ئىچىش كېرەك .

             ھەر قانداق دورىنى قۇرۇق يۈتمەسلىك كېرەك ، چۈنكى بەزى دورىلار كاپسۇللۇق دورىلار بولۇپ ، قىزىل ئۆڭگەچنىڭ چوڭقۇر قىسمىغا چاپلىشىپ قېلىپ ، قىزىل ئۆڭگەچكە زەخىم يەتكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن . بولۇپمۇ قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغى ياكى قىزىل ئۆڭەچ راكى بار بىمارلار بۇ ئىشقا تېخىمۇ دېققەت قىلىش كېرەك . ئەگەر دورا كېسەل ئورنىغا چاپلىشىپ قېلىپ قالسا ، توسالغۇنى پەيدا قىلىشى ھەتتا قان چىقىرىشى مۇمكىن .

             تەكشۈرۈلۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ، پەقەت بىر قوشۇق سۇ بىلەن دورىنى ئىستىمال قىلىدىغانلارنىڭ ئىچىدە 60% تىدە دورا ئاشقازانغا كىرمەي پەقەت قىزىل ئۆڭگەچكە چاپلىشىپ قېلىپ ، شۇ جايدا ئېرىپ ئاستا ئاستا ئاشقازانغا ئېقىپ كىرىدۇ . بۇ جەرياندا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىپ قېلىشى ، ئېغىرراقلىرى قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . شۇڭا دورا يىگەندە سۇنى يېتەرلىك كۆپرەك ئىچىش كېرەك . بۇ ئارقىلىق دورىنىڭ تېزرا ئاشقازانغا كىرىپ ، ئاشقازان -ئۈچەينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسى بولىدۇ . شۇڭا ئادەتتە دورا يىگەندە 200~300 مىللىلېتىر سۇ ئىلمان قايناقسۇ بىلەن ئىچسە ئەڭ مۇۋاپىق .


             سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم

             ئىلمان قايناقسۇ بىلەن دورىنى ئىچكەن ئەڭ ياخشى . چۈنكى ئىلمان قايناقسۇ ھەر خىل دورىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە دەخلى قىلمايدۇ . لېكىن قىززىقسۇ بەزى دورىلارنىڭ دورىلىق قىسمىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن . مەسىلەن بەزى ھەزىم قىلىش دورىلىرىنى 60گىردۇسلۇق ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى قايناقسۇدا دورىلىق قىسمى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن . يەنە ۋىتامىن C نىمۇ قىززىق سۇدا ئىچمەسلىك كېرەك . بالىلار پارالىچ دورىسىنى ھەرگىزمۇ قايناقسۇدا ئىچمەسلىك كېرەك . چوقۇم قاينىتىلغان سۇنى ئىلمانلىتىپ ئىچىش كېرەك . بۇ خىلدىكى دورىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، ئەڭ ياخشىسى دورىنى ئىلمان قايناقسۇدا ئىچىش كېرەك . 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا كۆپ خىل زۇكام دورىلىرىنى بىللە يىيىشكە بولمايدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇيقۇ دورىسىنى يېيىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .