بەزى كىشىلەر زۇكام بولۇپ قالغاندا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغان زۇكام دورىلىرىنى ياكى ئانتى بىئوتىننى بىللە ئىستىمال قىلىشقا ئامراق , ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىدا بۇنداق قىلغاندا ساقىيىشقا تېخىمۇ پايدىسى بار دەپ ئويلايدۇ

شاڭخەي رېنخې دوختۇرخانىسىنىڭ ئىچكى كېسەللىك مۇتەخخەسسىسلىرى بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق كۆز قاراشتا بولغان :بۇنداق زۇكام دورىسى  ئىستىمال قىلىش بىمارنىڭ جىگەر قاتارلىق ئەزالىرىغا قاتتىق زىيانلىق .

      رېنخې دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخخەسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە , ۋىرۇسلۇق زۇكام يەنى بىز دائىم دەيدىغان تارقىلىشچانلىق زۇكام , بۇخىل زۇكام دەۋىرچانلىققا ئېگە , پەقەت مۇۋاپىق ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى نورمىلىق ئىشلەتسىلا بولىدۇ , كۆپ خىل تۈردىكى زۇكامغا قارشى دورىلارنى بىرلىكتە ئىشلىتىش زۇكامنىڭ ساقىيىشىغا تۈرتكە بولالماستىن بەلكى تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولغان قوشۇمچە تەسىرلەر كۆرۈنۈشى مۇمكىن . مەسىلەن جىگەر رولى ئاجىزلىشىش قاتارلىقلار .

      نۆۋەتتە دۆلىتىمىز دورىنى توغرا ئىشلىتەلمىگەنلىكتىن جىگەر زەخىملىنىش ئەھۋاللىرى سانى پۈتۈن دورا بىنورمال ئەھۋاللىرى ئومۇمىي سانىنىڭ 10%گە يېقىنلىشىپ قالدى . ئېغىرراقلىرى يەنە ئۆتكۈر خاراكتېرلىك جىگەر نېكروزلىنىش , جىگەر رولى ئاجىزلىشىش ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . پاراتسېتامول( 扑 热 息 痛 ) تەركىبى بار يۇقىرى ئۈنۈملۈك زۇكام دورىلىرى , ئاسپىرىن ,تۇبىركۇليۇزغا قارشى تۇرۇش دورىلىرى , ئورۇقلاش دورىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىگەرنى زەخىملەندۈرەلەيدۇ . مۇتەخخەسىسلەر ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن , كۆپ مىقدار,كۆپ ئوخشاش خىلدىكى دورىلارنى بىر ۋاقىتتا ئىستىمال قىلىش ياكى بىر خىل دورىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىپ مەلۈم مىقدارغا بارغاندا ,ۋە ياكى بۇرۇنلا جىگەر كېسەللىكلىرى بار لېكىن دورىنى نورمالسىز ئىستىمال قىلىش ... قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى جىگەرنى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەندۈرىدۇ . 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاشقازان دورىسى ئىچىشتە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۈچ ۋاقىت تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دورا يىگەندىكى قايناقسۇ ئىچىش ئىلمى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .