سۇ ئۈزۈش كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىغا ئايلاندى چوڭلار، بالىلار، ھەتتا بوۋاقلارمۇ سۇ ئۈزىدۇ، چۈنكى كىشىلەر بۇنى ناھايىتى ياخشى چېنىقىش ھەرىكىتى، دەپ قارايدۇ لېكىن سۇ ئۈزۈش ھەممىلا ئادەمگە ماس كەلمەيدۇ

 بەزى سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرىنىڭ سۈيى سوغۇق بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ ئۈزۈشىگە ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ قان تومۇر ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. قان ئايلىنىشى ناچارلار بۇنىڭغا ماس كەلمەيدۇ.

ھەممىلا ئادەم سۇ ئۈزۈشكە ماس كېلىۋەرمەيدۇ

 تېرە كېسىلى بىمارلىرى، بويۇن ئومۇرتقا ياللۇغى بىمارلىرى، بوغۇم ياللۇغى بىمارلىرى سۇ ئۈزۈشكە ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى سۇ ئۈزۈش سەۋەبلىك شامالدارىش ئۇلارنىڭ كېسىلىنى قوزغايدۇ ياكى كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. كۆپلىگەن ئادەم قىشتا سۇ ئۈزۈشنى بەدەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ جاننى دوغا تىككەنلىك ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ بەدىنى ئاجىز، كېسەلچان كىشىلەرنىڭ قىشتا سۇ ئۈزۈشىگە قەتئىي بولمايدۇ.

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا جىسمانىي ئەمگەك ۋە تەنھەرىكەت تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .