جىسمانىي ئەمگەك بىلەن تەنھەرىكەتنىڭ ھەر ئىككىلىسى بىر خىل جىسمانىي ھەرىكەت تۈرىگە تەۋە بولۇپ، نۇرغۇن ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش جەھەتتە ئوينايدىغان رولى ئوخشاش بولمايدۇ  

جىسمانىي ئەمگەك شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، بەدەن كۆپىنچە ھاللاردا مۇئەييەن ئورۇن ياكى مەلۇم بىر خىل تۇراقلىق ھالەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، باشتىن  - ئاخىر يەككە ھەرىكەت ھالىتى تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ، بۇنداق ھەرىكەت بەدەندىكى بىر قىسىم مۇسكۇللاردىلا بولىدۇ، باشقا ئورۇنلاردىكى مۇسكۇللار ئاساسەن نىسپىي تىنچلىق ھالىتىدە تۇرىدۇ.
 
جىسمانىي ئەمگەك ۋە تەنھەرىكەت

مۇنداقچە ئېيتقاندا، جىسمانىي ئەمگەك ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈنۈمى تەكشى ھەم ئەتراپلىق بولمايدۇ. ئەمما تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغاندا ئۇنداق بولمايدۇ. كونكرېتنى قىلىپ ئېيىتقاندا، تەنھەرىكەت جىسمانىي ئەمگەككە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

. 1مۇۋاپىق تەنھەرىكەت ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ

ئادەتتە ئەمگەك بىلەن تەنھەرىكەت ئارقىلىق چېنىقىشنىڭ مۇھىتى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئۇلار پەيدا قىلىدىغان روھىي ھالەتمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇزاق مەزگىل ئېغىر ھەم جاپالىق جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئادەمدە ئاسانلا ھېرىپ - چارچاش ۋە زېرىكىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ئەمما تەنھەرىكەت ئارقىلىق چېنىقىش ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى خۇشال ھەم روھلۇق قىلىدۇ. ئۇزاق مەزگىللىك جىسمانىي ئەمگەك بەدەندىكى قىسمەن مۇسكۇللار ھەرىكىتىنىڭ مېتابولىتلىق يىغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەمدە بىر خىل ھارغىنلىق كەيپىياتىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمما مۇۋاپىق پۈتۈن بەدەننى چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭدەك بەدەندىكى چارچىغان ھەر قايسى توقۇلما ۋە ئەزالارغا ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تەمىنلىشىنى كۈچەيتىپ بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مېتابولىزم  قالدۇقلىرىنىڭ چىقىرىلىشىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مۇسكۇللارنىڭ قىسقىراش ئىقتىدارى نورمال ھالەتكە كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھېرىپ  -  چارچاشمۇ پەيدىنپەي يوقايدۇ.

.2 تەنھەرىكەت ئارقىلىق بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزالارنى چېنىقتۇرۇش ئۈنۈمى ئەمگەكنىڭ رولىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ

جىسمانىي ئەمگەك گەرچە كۈچ - قۇۋۋەت، سۈرئەت، چىدامچانلىق، چەبدەسلىك، ئەۋرىشىملىك قاتارلىق جەھەتلەردە بەدەن ساپاسىنى بەلگىلىك يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما جىسمانىي ئەمگەك قىلىش جەريانى يۈرەك ۋە ئۆپكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن جىسمانىي ئەمگەك ئارقىلىق بەدەندىكى بەزى ئەزالارنى سۈپەتلىك چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما تەنھەرىكەت كۆپ خىل بولغاچقا، پۈتۈن بەدەندىكى ھەر قايسى ئورۇننى ئومۇميۈزلۈك، تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بەدەندىكى ئەزالارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بەدەن چېنىقتۇرۇش رولى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

.3 تەنھەرىكەت بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە

تەنھەرىكەت ئارقىلىق تەن ساغلاملىقنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، بەدەندىكى ئەزالارنىڭ بەدەن سىرتىدىكى مۇھىت ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بەدەننىڭ ھەر خىل كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

.4 تەنھەرىكەت كىشىلەرگە ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ

روھىي ساغلاملىق بىلەن بەدەن ساغلاملىقى بىر  -  بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۈمىدۋارلىق، ئوچۇق - يورۇق بولۇش قاتارلىق ئاكتىپ روھىي كەيپىيات كىشىلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ، ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ. ئادەتتە دائىم تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ بەرگەندە، كىشىلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تەنھەرىكەت يەنە سىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ جانلىنىشى ۋە بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭدەك بەدەندىكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مۇسكۇللارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ھالىتىنى ياخشىلاپ، چارچىغان ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى تېزلىكتە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا تەنھەرىكەت يەنىلا بىر خىل ئاكتىپ ئارام ئېلىش ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇلاردىن باشقا، مۇۋاپىق بولغان تەنھەرىكەت كىشىلەرنىڭ قەيسەر ھەم مۇستەھكەم ئىرادە  يېتىلدۈرۈشكە ياردەم قىلىپ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى موللاشتۇرۇپ، كەيپىياتنى تەڭشەش رولىنى ئوينىيالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ جىسمانىي ئەمگەك تەنھەرىكەتنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھەرىكەت قىلغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھەممىلا ئادەم سۇ ئۈزۈشكە ماس كېلىۋەرمەيدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .