ھەرىكەت −− ساغلاملىقنىڭ ئاساسى، بىراق چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ياكى مۇۋاپىق بولمىغان ھەرىكەت ساغلاملىققا ئەكس تەسىر بېرىدۇ قىشتا چېنىققاندا تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

ھەرىكەت قىلغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

1. پەسىلگە ماسلىشىش كېرەك. كەچ كۈز ھەم باش قىشتا ھاۋا سوغۇق ئۇنىڭ ئۈستىگە شاماللىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن، بەزى كىشىلەرنىڭ قان بېسىمىنى ئۆرلىتىپ، يۈرەك سوقۇشىنى تېزلىتىپ، مىكرو قان تومۇرلارنى قىسقارتىپ، يۈرەك، قان تومۇرلاردا كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئورگانىزملارنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا ماسلاشتۇرۇپ چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.

  2. تۆۋەن تېمپېراتۇرا بىلەن شامال كۈچىنى ئويلىشىش كېرەك. بېيجىڭ شەھىرىدىكى 740 مىڭ يۈرەك، قان تومۇر كېسىلى ئاغرىقلىرىنى ئون يىل كۆزىتىش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلگەنلەر ھەم مېڭە ئۆلۈشنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىنىڭ تەتۈر يۆنىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا قانچە تۆۋەن بولسا، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈش ھەم مېڭە ئۆلۈش كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆيدىن سىرتقا چىققاندا، ℃0تىن تۆۋەن سوغۇق ھاۋا ئادەمنىڭ يۈزىگە بىۋاسىتە ئۇرۇلسا، تاجسىمان ئارتېرىيەنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ھەم قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشىنى پەيدا قىلىپ، يۈرەك سانجىقىنى قوزغايدىكەن. شۇڭا، كىشىلەر سەھەردە چېنىققاندا، بەدەننى ئىسسىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھاۋا بەك سوغۇق كۈنلەردە يۈرەك، مېڭە، قان تومۇر كېسىلى ئاغرىقلىرى ئىمكانقەدەر سىرتقا چىقماسلىقى كېرەك.

   3. بىيولوگىيەلىك سائەتنىڭ رىتىمىنى ئويلىشىش كېرەك. «بىيولوگىيەلىك سائەت» ھادىسىسىگە ئاساسلانغاندا، چۈشتىن كېيىن سائەت 4 ~ 6گىچە بولغان ۋاقىتتا، ئادەمنىڭ يۈرەك، قان تومۇر ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى ھالەتتە بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن قالسا چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندىن كېيىنكى ۋاقىت ئىكەن؛ ئەڭ ناچار بولىدىغان ۋاقىت بولسا ئەتىگەن سائەت 6 ~ 9 غىچە بولغان ۋاقىت ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ناۋادا ساغلاملىق ئەھۋالى ياخشى بولسا، بىر كۈن ئىچىدىكى ھەرقانداق ۋاقىتتا چېنىقسا بولىۋېرىدۇ. يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرى، مەسىلەن: يۇقىرى قان بېسىمى، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك ئىقتىدارى ئاجىز بولغان ئاغرىقلار چۈشتىن كېيىن سائەت 4 ~ 6گىچە بولغان ۋاقىتتا چېنىقسا مۇۋاپىق بولىدۇ، ياكى چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندىن كېيىن چېنىقىشى كېرەك. سەھەردە ئىمكانقەدەر چېنىقماسلىقى كېرەك، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا سىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ كېرىلىش كۈچى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، يۈرەك، قان تومۇرلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ. تۇمانلىق كۈنلەردە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر بولۇپلا قالماي، يەنە نەملىك يۇقىرى بولغانلىقتىن، ھاۋادىكى ئوكسىگېننىڭ مىقدارى نىسبەتەن ئاز بولىدۇ، شۇڭا، سەھەردە چېنىقماسلىق كېرەك.

   4. ھەرىكەت مىقدارى مۇۋاپىق بولۇش كېرەك. سوغۇق كۈنلەردە ئورگانىزملارنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتى كۈچىيىدىغان بولغاچقا، سەھەر مەزگىلى خەتەرلىك ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، سەھەردە ھەرىكەت مىقدارىنى مۇناسىپ ئازايتىش كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت ئاسانلا ئوكسىگېنسىز ھەرىكەتكە ئايلىنىپ، ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ.

   5. يېمەك - ئىچمەك ۋە كۈتۈنۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. ئورگانىزملارنىڭ سوغۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى ئىسسىقلىق مىقدارىغا ئىگە يېمەكلىكلەرنى يېيىش ھەمدە يېتەرلىك سۇ ئىچىشتىن ئىبارەت. ئاقسىلدا ئالاھىدە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە رولى بولغاچقا، ئورگانىزملار سوغۇقتىن قورقمايدۇ. يېتەرلىك سۇ ئورگانىزملارنىڭ ئۈششۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

   ئوتتۇرا ياشلىقلار، بولۇپمۇ يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرى قوشۇلۇپ كەلگەن ئاغرىقلار، يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈمدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى «قىش كۈنلىرى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدىغان ئۈچ بىرلەشمە ئەھۋال»دىن ئىبارەت، يەنى «قىش كۈنى، تاڭ سەھەر، تۆۋەن تېمپېراتۇرا»، بۇلارنىڭ ھەر بىرى يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، قىشتا چېنىققاندا تاسادىپىي ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تېز مېڭىش ئاياللارغا پايدىلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى جىسمانىي ئەمگەك ۋە تەنھەرىكەت توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .