ھازىر خانىم قىزلىرىمىز بەدەن ساغلاملىقىغا تېخىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولۇپ كەتتى بەدەن چېنىقتۇرۇش خانىم قىزلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا بارا بارا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى ئەمما بەزى خانىم قىزلىرىمىز گىرىم قىلىپ تۇرۇپ بەدەن چېنىقتۇرىدىغان مىجەزى بار لېكىن بۇنىڭ زىيانلىقىنى بىلمەيدۇ

  ئاياللار ھەرىكەت قىلىشتىن ئىلگىرى گىرىمنى يۇيۇۋېتىشى ھەم ئوتتۇرھال سۈتسىمان سۇيۇقلۇق بىلەن يۈزىنى پاكىز يۇيۇۋېتىشى لازىم . ئۇنداق بولمىسا ، تۈك تۆشۈكچىلىرى ئوڭايلا توسۇلۇپ قالىدۇ . ئەرلەر ھەرىكەت قىلىشتىن ئىلگىرېى ساقال – بۇرۇتلىرىنى ئالماسلىقى كېرەك .  ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن ، شۇ جاينىڭ تېرىسى بەكمۇ سەزگۈز بولۇپ قالىدۇ . ھەرىكەت قىلغاندا بۇ جايلارنىڭ تېرىسىنى ئېچىشتۇرىۋېتىدۇ .

بەدەن چېنىقتۇرغاندا گىرىم قىلماڭ

   سىرتتا ھەرىكەت قىلماقچى بولغاندا ، ئۇلتۇرا بىنەپشە نۇرنىڭ تېرىگە زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئازراق كۈن نۇرىدىن ساقلىنىدىغان مايلارنى سۈرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . ئۆي ئىچىدە چېنىقىدىغانلار ھېچنىمە سۈرمىسە ،  تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ نەپەسلىنىشى راۋان بولىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تەنتەربىيە تەبىئىي دورا تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تېز مېڭىش ئاياللارغا پايدىلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .