ئانا بىلەن ئوغۇل ئوتتۇرىسىدا بولۇنغان بۇ پاراڭدا ئوغۇلنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئۇرغۇپ تۇراتتى ئۇنىڭدىكى بۇ ئىشەنچ نەدىن كەلگەن؟ بۇنى تەھلىل قىلساق، ئوغۇلنىڭ تەنھەرىكەتكە قىزىقىدىغانلىقى، كۈندە چېنىقىپ تۇرىدىغانلىقى، شۇڭا بەدىنىمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى، دەپ قارايدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز

   — ئوغلۇم، زۇكام يۇقمىسۇن، دېسەڭ ماۋۇ ماسكىنى تاقىۋال.

   — تاقىمىساممۇ بولىدۇ ئانا، مەكتەپتە كۈندە چېنىقىدىغان تۇرسام، ماڭا كېسەل يۇقمايدۇ.

بىر بالىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىدىن كەلگەن بۇ ئۇچۇردىن يەنە، تەنھەرىكەتنىڭ ساغلاملىق ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ‹‹ تەبىئىي دورا ›› ئىكەنلىكى ھەققىدىكى بېشارەتكىمۇ ئېرىشەلەيمىز.

   شۇنداق، تەنتەربىي تەبىئىي دورا. تەنتەربىيەنىڭ ‹‹ تەبىئىي دورا ›› لىقى خەلقىمىز ئارىسىدا يادلىنىپ تۇرغان ‹‹ ياغاچنى رەندە تۈزەيدۇ، ئادەمنى تەربىيە ›› ، ‹‹ يەر تېرىلمىسا بۇدۇشقاق باسار، ئادەم چېنىقمىسا كېسەل باسار ›› دېگەن ھېكمەتلەردە بالقىپ تۇرىدۇ. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىساقمۇ، ئەجدادلىرىمىز تەنتەربىيەنى جىسمانىي ۋە روھىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى، دەپ قاراپ، بالىلارنى كىچىك چېغىدىن باشلاپلا ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىي ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دا 38 خىل تەنھەرىكەت تۈرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئەجدادلارنىڭ تەنتەربىيەگە كۆڭۈل بۆلۈش ئۇدۇمى ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. (ماھارەت تەنتەربىيەسىدىكى بوكسچىلىقنى مىسالغا ئالساق، بوكسچى ئەزىمەتلىرىمىزدىن ئابدۇشۈكۈر مىجىت 1997 – يىلى ‹‹ جۇڭگو بوكس پادىشاھى ›، ، ئابدۇراخمان ئابلىكىم 1999 – يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى. قانات ئىسلام 2008 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مىس مىدالغا ئېرىشتى، يەنە شۇ قانات ئىسلام بىلەن مۇھەممەدتۇرسۇن چوڭ بۇلتۇر كۈزدە جىنەندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىككى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. بۇ شان – شەرەپلەرنى تەنتەربىيەدىن ئىبارەت <<تەبىئىي دورا>> ئىستېمالىنىڭ پەۋقۇلئاددە ھاسىلاتى، دېسەك خاتالاشمايمىز.

   بىراق، ئەنە شۇنداق پەخىرلنىش تۇيغۇسى ئىچىدە تۇرۇپ جەمئىيەتكە نەزەر سالساق، بېلى بوش، ئېزىلەڭگۈ، بەدەن چېنىقتۇرۇش دېسە بېشى ئاغرىيدىغان، شۇ سەۋەبلىك ئۇ – بۇ كېسەللەردىن خالىي بولالمايدىغان كىشىلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. مۇشۇنداق ئەھۋالدا زادى قانچىلىك كىشى ئۇشبۇ يازمىنىڭ بېشىدا تىلغا ئالغان بالىدەك ‹‹ ماڭا كېسەل يۇقمايدۇ ›› دەپ مەيدىسىگە ئۇرالار؟. بۇلتۇر مەلۇم بىر يېزىنىڭ ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە مەكتەپ بالىلىرى چېنىقىش ئۆلچىمىگە يەتمىگەن. كىشىلەردە تەنتەربىيەگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئەھۋال ئېغىر بولغاچقا، زۇكام دورىسى، ئورۇقلىتىش دورىسى، قاندىكى ياغنى تۈۋەنلىتىش دورىسى دېگەندەك دورىلارنىڭ ئىستېمالى ئۆرلەپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تەنتەربىيەدىن ئىبارەت ھەقسىز، ئۈنۈملۈك ‹‹ يېشىل ›، دورىنىڭ ئالدىدا يانچۇق بىلەن ئوينىشىدىغان بۇ دورىلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟! قارىغاندا، كىشىلەر تەنتەربىيەدىن ئىبارەت ‹‹ تەبىئىي دورا ›› نىڭ ھاياتلىقتىكى قىممىتىنى تېخى تولۇق تونۇپ يەتمىگەندەك، تونۇپ يەتسىمۇ كۆڭۈلشىمىگەندەك قىلىدۇ. دانالار ‹‹ ھەرىكەت ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى ›› ، ‹‹ ساغلام تەندە ساپ ئەقىل ›› دەپ بىكار ئېيتمىغان.

 مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، تەنتەربىيە راستىنلا جىسمانىي ۋە ئەقلىي قۇۋۋەتنىڭ ‹‹ تەبىئىي دورا ›› سىدۇر. شۇڭا تەنتەربىيەنى چېمپىيون، چولپان، ماھىر يېتىشتۈرۈشنىڭلا ئەمەس، مۇھىمى، ھاياتلىقنى ساغلام، ئىلمىي، تەرتىپلىك داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك قورالىغا ئايلاندۇرۇش زۆرۈر. كىشىلەردە ‹‹ تەنتەربىيە تەبىئىي دورا ›› دېگەن قاراشنى تۇرغۇزۇپ، كىشىلەرنىڭ بۇ ‹‹ دورا ›› نى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغاندا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانماي قالمايدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا پۇت بارماقلىرى «گىمناستىكىسى»نى بىلىپ قويۇڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بەدەن چېنىقتۇرغاندا گىرىم قىلماڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .