تېز ۋە ئاستا يۈگۈرۈش ساغلاملىققا ئەڭ پايدىلىق

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

ياپونىيەلىك ھەرىكەت ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: بەزىلەر ساغلاملىق ئۈچۈن يۈگۈرۈپ چېنىقىدۇ،بىراق ئۇلار قانداق يۈگۈرگەندە ساغلاملىققا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئايانكى، تېز ۋە ئاستا يۈگۈرۈش ئەڭ ياخشى چېنىقىش ئۇسۇلى بولالايدۇ، يەنى ئالدى بىلەن 20 ياكى 30 مىنۇت يۈگۈرۈپ ئاندىن سۈرئەتنى تەدرىجىي تېزلىتىش ئاندىن يەنە سۈرئەتنى تەدرىجى ئاستىلىتىپ، ۋاقىت يەتكەندە يەنە تېزلىتىش، بۇ خىل يۈگۈرۈشنىڭ ساغلاملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئالاھىدە بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل يۈگۈرۈش ئاساسلىق چېنىقىش ئۇسۇلى بولالايدۇ.


ئۇنىڭدىن باشقا، ئېلىمىز مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئادەم يىراققا يۈگۈرگەندە تېز ۋە ئاستا يۈگۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانسا چوقۇم پايدىسىنى كۆرىدۇ، يەنى ئادەتتىكى ئادەم ئون مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە يۈگۈرسە ھېرىپ كېتىدۇ، بۇنداق چاغدا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ھەتتا پىيادە مېڭىپ داۋاملىق ئىلگىرلىسە ئون ياكى 20 مىنۇتتىن كېيىن يەنە يۈگۈرسە بەدەننىڭ يۈگۈرۈشكە ماسلىشىشىغا شارائىت يارىتىپ نىشانغا بىمالال يېتىپ بېرىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا چېنىقىش دىئابېت ئاغرىقلىرىدىكى بۇزۇلغان گېنلارنى تۈزەيدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بەل قورساق مۇسكۇلىڭىزنى چېنىقتۇراي دېسىڭىز... توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .