بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە پىيادە مېڭىپ ئورۇقلاشنىڭ ئۈنۈمى دېگەندەك يۇقىرى بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ پۈتۈنلەي خاتا قاراش

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە پىيادە مېڭىپ ئورۇقلاشنىڭ ئۈنۈمى دېگەندەك يۇقىرى بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ پۈتۈنلەي خاتا قاراش. ئامېرىكىدىكى ھەرىكەت ۋە ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: پىيادە مېڭىشنىڭ كارامىتى بىز ئويلىغاندىمۇ زور ئىكەن، بىراق ھازىر قوللىنىۋاتقان پىيادە مېڭىش ۋە بەدەندىكى ياغنىڭ پارچىلىنىشىنى ئۆلچەيدىغان فورمىلا كىشىلەرنى پىيادە مېڭىشىنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەن چاغلايدىغان پىسخىكىغا ئىگە قىلغان.

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: بىز يېقىندا تاماملىغان تەتقىقات نەتىجىسى ئاساسىدا يەكۈنلىگەن  ھېسابلاش ئۇسۇلىغا قارىغاندا، ئوتتۇرا ھال سۈرئەتتە پىيادە مېڭىش خورىتىدىغان ياغنىڭ مىقدارى ئەنەنىۋى ھېسابلاش ئۇسۇلى بىلەن ئېرىشكەن نەتىجىدىن %10 كۆپ ئىكەن. بىراق تېز مېڭىش خورىتىدىغان ئېنېرگىيە ئەسلىدىكىدىن %20 كۆپ بولىدىكەن


ئالدىنقى ماقالىمىزدا پىيادە مېڭىپ چېنىقىدىغانلار سەمىگە تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدىغان ھەرىكەتلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .