قولنىڭ تۇتۇش كۈچى بىلەن باشقا مۇسكۇللارنىڭ كۈچى ئوخشاش بولۇپ ، ئىشلەتكەنسېرى تەرەققىي قىلىدۇ ، شۇڭا كۆپرەك مەشىقلەندۈرۈپ بېرىش كېرەك

 

سالامەتلىكى يار بەرگەن ياشانغانلار يەر بېغىرلاش ، بەدىنىنى ئۈستىگە تارتىش (تورنىك تارتىش)،قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ بەرسە بولىدۇ.

ئۈسكۈنىلەرنىڭ ياردىمىسىزمۇ قولنىڭ تۇتۇش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ : قورساقنى ئىچىگە تارتىپ ، كۆكرىكىنى ۋە دۈمبىسىنى تىك تۇتۇش ، ئېڭەكنى ئىچىگە تارتىپ تىك تۇرۇش ؛ بىر قولنىڭ مۇشتۇمىنىكۈچەپ سىقىش ، يەنە بىر قولنى كۈچەپ سىقىمداپ تۇتۇش . بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ كۆرۈنەرلىك قىلىش ئۈچۈن كىچىك ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ چېنىقىشقىمۇ بولىدۇ.

چوڭ مېڭىنىڭ قولنىڭ رايونىنى تەقسىملەيدىغان رايونى پۇت ۋە باشقا ئەزالارنى تەقسىملەيدىغان رايوندىن خېلىلا كۆپ ، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ، قول بارماقلىرىنىڭ چاققانلىقىنى ئاشۇرىدىغان مەشىقلەرنى كۈچەيتكەندە ، قولنىڭ تۇتۇش كۈچىنىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا چېنىقىشتىكى يېڭى ھەرىكەت — چوڭ قەدەم تاشلاپ تېز مېڭىش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى پىيادە مېڭىپ چېنىقىدىغانلار سەمىگە توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .