تەر چىقىشقا تېگىشلىك ۋاقىتتا تەرلىمەسلىك سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق ، ھەرىكەت قىلغاندا تەرلەشنىڭ سالامەتلىككە ئىنتايىن كۆپ پايدىسى بار پۈتۇن بەدەن ھەرىكەتكە كەلگەندە بەدەندىن ئازراق تەر چىقىش ئادەمنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىدۇر

 

 ئوكسېگىنلىق ھەرىكەت قىلىش ، ھەرىكەت قىلىپ تەرلەشكە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ ، مەسىلەن : ياشلار ئاستا يۈگرەش ، توپ ئويناش ، سۇ ئۈزۈش دېگەندەك ھەرىكەتلەر بىلەن ؛ياشانغانلار پىيادە مېڭىش ۋە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىپ تەرلىسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.

   تەر مىقدارىنى ئۆزىمىز تەڭشەپ تۇرساق بولىدۇ ، ئادەتتە بەدەندىن ئازراق تەر چىقسا بولىدۇ ، چىلىق-چىلىق تەرلەپ كېتىشنىڭمۇ سالامەتلىككە ئانچە پايدىسى يوقھەرىكەت قىلىپ تەرلەشتە گۇگۇم ۋاقتى ئەڭ ياخشى مەزگىل ھېساپلىنىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئادەم بەدىنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە ئۆتىدۇ ، قانئايلىنىش راۋان بولىدۇ ، ئادەم ئاسان زەخمىلەنمەيدۇ ، سىرتقى مۇھىتمۇ ھەرىكەت قىلىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

   تەرلەش ۋاقتى يېرىم سائەتتىن 40 مىنۇتقىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇھەرىكەت قىلىپ تەرلىگەندىن كېيىن ھەرگىزمۇ سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەسلىك كېرەك ، ئەڭ ياخشىسى ئادەتتىكى قايناق سۇ ئىچىش كېرەك ، سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرىكەت قىلىپ بولغاندىن كېيىنكى تېمپىراتۇرىسى بىلەن تەڭ بولۇشى كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا چېنىققاندا بەدەندىكى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىغا سەل قارىماسلىق كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چېنىقىشتىكى يېڭى ھەرىكەت — چوڭ قەدەم تاشلاپ تېز مېڭىش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .