چېنىقىش ئىككى بىسلىق شەمشەرگە ئوخشايدۇ زىيادە چېنىقىش بىئاراملىق ۋە چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر چېنىققاندا بەدەندەكۆرۈلگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىغا ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ

 

     ئۇسساپ كۆڭلى ئېلىشىش چېنىققاندىن كېيىن دائىم ئۇسساش نورمال ئەھۋال. ناۋادا ئۇسسۇلۇقنى كۆپ ئىچىپمۇ يەنىلا قانمىسا ھەم كىچىك تەرەت زىيادە كۆپ بولسا، بۇ ھەرىكەتنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىنىڭ بېشارىتى. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا چېنىقىشنى توختىتىش كېرەك.

   قورساق بەك ئېچىپ كېتىش چېنىققاندىن كېيىن ئىشتىھا ئېچىلىپ كېتىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال.ئەمما تاماق مىقدارى تۇيۇقسىز ئېشىپ كەتسە ھەم بۇنداق ئەھۋال ئىزچىل داۋاملاشسا، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.

   باش قېيىپ، كۆز قاراڭغۇلىشىش چېنىققاندا باش قېيىش ئالامەتلىرى كۈرۈلمەسلىكى كېرەك. ئەگەر ئۇدا ياكى قىسقا مەزگىللىك باش قېيىش، كۆڭۈل ئېلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بۇ چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.

   باش ئاغرىپ، يۈرەك ئېغىش ھەرقانداق ئۇسۇلدىكى چېنىقىش جەريانىدا باش ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلگەندە، چېنىقىشنى توختىتىپ، نېرۋا، يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىنى تەكشۈرتۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

   ھارغىنلىق ھېس قىلىش بۇ بۆرەك ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە جىگەر ئىقتىدارىنىمۇ تەكشۈرتۈش كېرەك.

   پۇت – قول ماغدۇرسىزلىنىش چېنىققاندىن كېيىن پۇت – قول ماغدۇرسىزلىنىش نورمال ئەھۋال. ئادەتتە چېنىقىشتىن توختاپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا ئارام ئالغاندىن كېيىن ئادەم ئاز – تولا ماغدۇرىغا كېلىدۇ، ناۋادا نەچچە كۈنگىچە ماغدۇرىغا كېلەلمىسە، بۇ تالنىڭ زەخىمگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، چۈنكى تال پۇت – قول مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

   ئازراق چېنىقىپلا ھاسىراش چېنىقىشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ھاسىراش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلۈشى نورمال ئەھۋال، ئۇنى ئارام ئېلىش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر يېنىك ھەرىكەت قىلغاندىمۇ ھاسىراپ كەتسە ھەم خېلى ئۇزاق ئارام ئالغاندىمۇ ئەسلىگە كېلەلمىسە، بۇ ئۆپكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن.

   مەيدىدىن كۆپ تەر چىقىش چېنىققاندا تەر چىقىدۇ، ناۋادا زىيادە كۆپ ھەرىكەت قىلغاندامەيدىدىن كۆپ تەر چىقسا، شۇنىڭ بىلەن بىللە دەم سىقىلسا، بۇ يۈرەكنىڭ بىرەر تەسىرگەئۇچرىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن.چۈنكى تەر يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا جىددىي ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىش كېرەك.

   بوغۇم ئاغرىش چېنىققاندا بوغۇم ئاغرىش ياكى بوغۇم ئەتراپى ئاغرىش ھەم بوغۇم ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلسە، پەي سوزۇلۇپ زەخىملىنىش ئەھۋالىنىڭ بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.

ھاكىمجان ئابدۇكېرەم تەييارلىغان


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەڭ ياخشى تەنھەرىكەت–سۇ ئۈزۈش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھەرىكەت قىلغاندا تەرلەشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى بار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .