كىشىلەر بەل چەمبىرىكىنى چۆرگىلىتىپ ئورۇقلىغاندا، ئاساسلىقى بەل ۋە قورساق ھەرىكەتلىنىدۇ، شۇڭا بۇ ھەرىكەتنى قىلغاندا قورساق بىلەن بەلدىكى مۇسكۇل چېنىقىدۇ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن چوقۇم 30 مىنۇت چۆرگىلىتىش كېرەك

 

گەرچە بۇ خىل چېنىقىش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولسىمۇ، ھەممە كىشىگە ماس كېلىشى ناتايىن.

مۇتەخەسسىسلەر بالىلار بىلەن ياشانغانلارغا بۇ خىل چېنىقىشئۇسۇلىنى تاللىماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ، چۈنكى بالىلار تولۇق يېتىلمىگەن، ياشانغانلارنىڭ قىسمەن ئەزالىرى قېرىلىققا يۈزلەنگەن.

 ئۇنىڭدىن باشقا،يۇقىرى قان بېسىم، تۆۋەن قان بېسىم، بەل ئومۇرتقىسى ئۆسۈپ قېلىش قاتارلىق كېسىلى بارلار ياخشىسى بۇ ھەرىكەتنى قىلماسلىقى كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا يۈگۈرۈش — ياغلىق جىگەرنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەڭ ياخشى تەنھەرىكەت–سۇ ئۈزۈش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .