چېنىقىپ بولغاندىن كېيىن يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە، بەدەننىڭ ئېغىرلىقى تېز ئېشىپ، چېنىقىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ، لېكىن بىر نەرسە يېمىسە بەدەنگە ئېنېرگىيە يېتىشمەي، ئادەم ئاسانلا ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ

 

ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، چېنىقىشتىن كېيىن سۈت ئىچىش ئوزۇقلۇق تولۇقلاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئىكەن.

    تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سۈت تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق ئامىنو كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئۇنى بەدەن تېزلا قوبۇل قىلىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، سۈت ئاقسىلى ھەرىكەتتىن كېيىنكى ھارغىنلىقنى تۈگىتىشكە ياردەم بېرىپ، مۇسكۇللارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

ئايگۈل ياسىن تەرجىمىسى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تەنھەرىكەت بىلەن ۋىتامىن قوبۇل قىلىشنى كۈچەيتىش سوغۇققا چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ۋېلىسپىت مىنىش سالامەتلىككە پايدىلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .