40 ياشقا كىرگەندە ئادەمنىڭ يۈرەك رېتىمى تېزلىشىدۇ ، بەدەننىڭ مۇسكۇل نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ،ماددا ئالمىشىش ئاستىلايدۇ، ھەرىكەت قىلغاندا يۈرەكنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىدۇ شۇنىڭ بىلەن مۇسكۇل ، سۆڭەك ۋە پەينىڭ كۈچى تەسىرگە ئۇچرايدۇ ، بەدەن ياغنى خورىتىشنى ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىشقا باشلايدۇ

 

شۇڭا 40 ياشقا كىرگەندە يۈگۈرۈش ، ۋېلسىپىت مىنىش ، سۇ ئۈزۈشقاتارلىق يۇقىرى سىجىللىقتىكى ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بەرسە ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىشىنى تېزلىتىدۇ، كۈچ مەشىقى مۇسكۇلنىڭ بوشىشىپ كېتىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ .

   50 ياشقا كىرگەندە ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق كېرەك . تېز مېڭىش ياكى سۇ ئۈزۈش سۆڭەك شالاڭلىشىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ ، يوگا ھەرىكىتى قاتارلىق قورساقنىڭ يۇقىرى قىسمىنىڭ مۇسكۇلىنى كۈچەيتىدىغان ھەرىكەتلەرنى كۆپرەك قىلسا بولىدۇ .

   60 ياشقا كىرگەندە قانۇنىيەتلىك ۋە رېتىملىق چېنىقىش ناھايىتى مۇھىم . 60 ياشقا كىرگەنلەر يۈرەك ۋە ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان ھەرىكەتلەرنى كۆپرەك قىلىشى ، ئەمما بوغۇمغا بەك ئېغىر بېسىم چۈشۈرمەسلىك كېرەك . پەي توپ ، بولىڭ توپ ، سۇ ئۈزۈش ۋە تېز مېڭىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ .

   70 ياشقا كىرگەندە تەيجى گۇمپىسى ، بولىڭ توپى ياكى سىرتلاردا سەيلە قىلىش ، ۋىتامىن D نىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن سالامەتلىكنى ئاسرىشى كېرەك .

   80 ياشقا كىرگەندە ئاستا ئۇسۇل ئويناش ، رەسىم سىزىش ، گۈل – گىياھ سۇغىرىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلسا مۇۋاپىق كېلىدۇ . بەدەن ئەھۋالى ياخشى كىشىلەر سەيلە قىلسا ، يېنىك ، ئاددىيھەرىكەتلەرنى قىلسا بولىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بەدەن چېنىقتۇرغاندا دېققەت قىلىدىغان ئىشلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تىكتاك توپ ئويناش مېڭىنى چېنىقتۇرىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .