1 ئەقىل بىلەن چېنىقىڭ :ھەممە ئادەمنىڭ توغرا بولغان چېنىقىش ئۇسۇلى ئۇسۇلىنى بىلىشى

 

  1.ئەقىل بىلەن چېنىقىڭ :

 ھەممە ئادەمنىڭ توغرا بولغان چېنىقىش ئۇسۇلى ئۇسۇلىنى بىلىشى ناتايىن . مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىنىڭ چېنىقىشتىكى مۇددىئاسى پەقەتلا ئۆزىنى ھېرىپ _چارچاشتىن قۇتقۇزۇش ، بۇ خىل ئۇسۇلدا چېنىققاندا ئۆزىنى  ناھايىتى ئاسانلا زەخىملەندۈرۈۋالىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈنۈمىمۇ ئانچە ياخشى بولمايدۇ . ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ چېنىقىش ئۇسۇلىڭىزغا قارىتا بىر قېتىم توغرا باھالاش ئېلىپ بېرىڭ .

   2.ۋېلىسىپىتنى كۆپ مىنىڭ :

  نورمال سۈرئەتتە ۋېلىسىپىت مىنىپ بەرگەننىڭ يۈرەك ۋە ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا ناھايىتى پايدىسى بار، ئورۇقلاشقىمۇ  پايدىلىق .

  3.يېرىم سائەت سەيلە قىلىڭ :

  ھەر ھەپتىدە تۆت ،بەش قېتىم ، ھەر قېتىمدا يېرىم سائەت ئەتراپىدا سەيلە قىلىپ ئايلىنىشنىڭ بەدەنگە ناھايىتى زور پايدىسى بولىدىكەن .

 4.پەلەمپەيدىن كۆپرەك مېڭىڭ :

 ئەڭ ياخشىسى لىفىتقا چىقماي ، كۆپرەك پەلەمپەيدىن مېڭىش كېرەك ، بۇ بىر خىل ياخشى چېنىقىش شەكلى بولۇپ ، يۈرەك قان تومۇرلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ، يەنە تېخى پۇت مۇسكۇللىرىڭىزنى ياخشىلىيالايسىز . ئۇنىڭدىن باشقا ، قورساق مۇسكۇللىرىنىمۇ ياخشى چېنىقتۇرالايمىز  .

 5.توغرا بولغان قىياپەتنى ساقلاڭ :

 توغرا بولغان مېڭىش ۋە ئولتۇرۇش قىياپىتىنى ساقلاش سالامەتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم .ماڭغاندا ئىككى مۈرىنى بوش قويۇۋېتىش ، بويۇن قىسمىنى تۈز تۇتۇش ، داس سۆڭىكى مۇسكۇللىرىنى چىڭ تارتىپ ، كۆكرەكنى كېرىپ قورساقنى تارتىش كېرەك ،مۇشۇنداق  ماڭغاندا تېخىمۇ قاۋۇل كۆرۈنىسىز ، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ئەركىن ھېس قىلىسىز .

 6.دائىم بوينىڭىزنى سوزۇپ بېرىڭ :

 ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ ، بوينىڭىزنى ئاستا -ئاستا سوزۇپ بېرىڭ ، نۇرغۇنلىغان  سوزۇلما خاراكتېرلىك باش ئاغرىقىنى بويۇن سۆڭەكلىرىنىڭ تۇتىشىش ئورنى ۋە نېرۋىنىڭ زەخىملىنىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئىمكانقەدەر ئېڭەكنى تۆۋەنگە بېسىپ ، كۆكرەكنى ئىچىگە تارتىپ تۇرغاندا ،باش ئاغرىقىنى يەڭگىللەتكىلى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ بويۇن ساغلاملىق ھەرىكىتى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى 40 ياشتىن كېيىن چېنىقىش پىلانىنى قانداق تۈزەش كېرەك ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .