1 باشنى ئىمكانقەدەر كەينىگە ئېگىپ ، ئېغىزنى چىڭ يۇمۇپ ، ئاندىن باشنى ئېڭەك مەيدىگ

 

   1.باشنى ئىمكانقەدەر كەينىگە ئېگىپ ، ئېغىزنى چىڭ يۇمۇپ ، ئاندىن باشنى ئېڭەك مەيدىگە تىرەلگىچە ئاستا ئېگىمىز ، بۇنى ئالتە قېتىم تەكرارلايمىز .

 

   2.باشنى ئوڭ _سولغا دەسلەپتە ئاستا، كېيىن تېز بۇرايمىز ، بۇنى 10-15 قېتىم تەكرارلايمىز .

 

   3.باشنى بىر تەرەپكە بۇراپ ، ئاندىن ئۈستىگە كۆتۈرىمىز ، ھەر تەرەپكە تۆت قېتىم تەكرارلايمىز .

 

   4.باشنى بىر تەرەپكە بۇراپ ، ئېڭەكنى مۈرىگە تىرەيمىز ، ھەر تەرەپنى تۆت قېتىم تەكرارلايمىز .

 

   5.باشنى يانغا قىيسايتىپ، قۇلاقنى مۈرىگە تەگكۈزىمىز ، ھەر تەرەپنى تۆت قېتىم تەكرارلايمىز .

 

   6.ئېڭەكنى مەيدىگە تىرەپ ئوڭغا ، ئاندىن سولغا باشنى بىر ئايلاندۇرىمىز ، ئاندىن ئوڭغا بىر ئايلاندۇرىمىز ، بۇنى 6-10 قېتىم تەكرارلايمىز .

 

  7.ئىككى قولنىڭ بارماقلىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ باشنىڭ كەينىنى تۇتىمىز ، ئاندىن قولنى ئالدىغا ، باشنى كەينىگە كۈچەيمىز ، بۇنى 4-6 قېتىم تەكرارلايمىز .

 

  8.قولنى ئۈستەلگە جەينەكلەپ ، ئىككى قولنى قاتلاپ ، ئېڭەكنى تىرەيمىز ، ئاندىن ئىككى قول بىلەن ئېڭەكنى ئۈستىگە ، باشنى ئاستىغا كۈچەيمىز ، بۇنى 4-6 قېتىم تەكرارلايمىز .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا يەتتە كۈندە يەتتە خىل ھەرىكەتنى ئىشلەپ تۇرۇش مېڭىگە ۋە ئورۇقلاشقا پايدىلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بەدەن چېنىقتۇرغاندا دېققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .