چېنىققاندا بەدەن ئېغىرلىقىنى مۇۋاپىق ساقلىغىلى بولۇپلا قالماي ، بەلكى مېڭىنى چېنىقتۇرغىلى ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلىغىلى ، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ يېقىندا ئامېرىكا ئالىملىرى > نى ئوتتۇرىغا قويدى


     دۈشەنبە :باغچىنى ئايلىنىش . ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، داۋاملىق باغچىغا بېرىپ تۇرىدىغانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بارمايدىغانلارنىڭكىدىن %20 يۇقىرى بولىدىكەن . تەبىئىي مۇھىتنىڭ بەدەننى تىنچلاندۇرۇش رولى بولۇپ ، چوڭ مېڭىنىڭ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىكەن .

 

  سەيشەنبە  :يەل گۇمپىسى ئويناش . بۇ ئادەمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ياخشىلاشقا ،يەنى چوڭ مېڭىنى قوغداشقا پايدىلىق . داۋاملىق يەل گۇمپىسىنى مەشىق قىلىپ تۇرىدىغان 50-60 ياشلىق كىشىلەرنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتى 25 -30 ياشلىق كىشىلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدىكەن .

 

     چارشەنبە :يۈگۈرۈش . داۋاملىق يۈگۈرۈپ چېنىقىدىغانلارنىڭ يېڭى سۆزلەرنى ئەستە ساقلاش سۈرئىتى چېنىقمايدىغانلارغا قارىغاندا %20 تېز بولىدىكەن . يەنى يۈگۈرۈش ھەرىكىتى ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش ۋە تىل ئۆگىنىشكە مەسئۇل چوڭ مېڭە رايونىنىڭ ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىكەن .

 

     پەيشەنبە : ئېغىرلىق كۆتۈرۈشنى ، پىيادە مېڭىشنى ۋە بەدەن تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ تۇرۇش . بۇ خىلدىكى ياشانغان كىشىلەرنىڭ تەدبىر بەلگىلەش قابىلىيىتى يېرىم يىلدىن كېيىن تەخمىنەن %13 يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن . ئوخشىمىغان ھەرىكەتلەر ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىنى چېنىقتۇرغىلى بولىدىكەن .

 

    جۈمە : بىر تەرەپتىن ئايلانغاچ ، بىر تەرەپتىن توپ تاشلاش . ئىسپاتلىنىشىچە ، سەكرەش ، گارغا توپ تاشلاش ۋە توپ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى 10 مىنۇت ئىچىدە تاماملاپ بولالايدىغان ياش _ ئۆسمۈرلەرنىڭ كېلەركى سائەتتىكى دەرسلەردە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش كۈچى ناھايىتى ياخشى بولىدىكەن . ياشنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، بۇ خىل ھەرىكەتلەر چوڭ مېڭىنىڭ دىققەت كۈچىنى كونترول قىلىش رايونلىرىنى قوزغىتىدىكەن .

 

   شەنبە : دوستلار بىلەن پاراڭلاشقاچ ، ئاستا يۈگۈرۈپ بېرىش .

  تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئىجتىمائىي ئالاقە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاجىزلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن . ئىجتىمائىي ئالاقىسى كەڭ ئاياللارنىڭ ياشانغاندا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى باشقىلارنىڭكىدىن % 26 تۆۋەن بولىدىكەن .

 

    يەكشەنبە : كۆزنى يۇمۇپ ، تەڭپۇقلۇقنى ساقلاشنى مەشىق قىلىش . ئىككى كۆزىنى يۇمۇپ، بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغاندا ، چوڭ مېڭە پۈتۈن بەدەن ۋە بوغۇملاردىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا تايىنىپ بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنى تەڭشەيدىكەن ، بۇ ئارقىلىق چوڭ مېڭىنى تېخىمۇ چېنىقتۇرغىلى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا كۈندە 15 قېتىم يەر بېغىرلاڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ بويۇن ساغلاملىق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .