تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە ، دائىم ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ، يەر بېغىرلاش قاتارلىق كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا ، سۆڭەك ۋە مۇسكۇللارنى چىڭىتىپ ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ، قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن كۈندە 15 قېتىم يەر بېغىرلىسا مۇۋاپىق بولىدىكەن

 

يۈرەك – قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ۋە ئوتتۇرا ياش ، ياشانغانلار ھەپتىدە ئۈچ قېتىم چېنىقسا بولىدىكەن .

چېنىققاندا بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئۇزۇن تۇرماسلىق ، كۈچەپ ھەرىكەت قىلماسلىق ، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىشتەك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەككەن .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئادەمنى ساغلاملاشتۇرىدىغان ۋە كېسەل قىلىدىغان ھەرىكەتلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يەتتە كۈندە يەتتە خىل ھەرىكەتنى ئىشلەپ تۇرۇش مېڭىگە ۋە ئورۇقلاشقا پايدىلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .