1 مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان ھەرىكەت : سەكرەش ، بىنالارنىڭ پەلەمپىيىدىن چىقىپ –

  1. مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان ھەرىكەت : سەكرەش ، بىنالارنىڭ پەلەمپىيىدىن چىقىپ – چۈشۈشكە ئادەتلىنىش .

   2 . ئادەمنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدىغان ،كىلىتلارنى ياشارتىدىغان ھەرىكەت : تېز مېڭىش ، يۈگۈرۈش ، تانسا ، ئۇسۇل ئويناش ، ئات چاپتۇرۇش .

   3 . كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدىغانھەرىكەت : تىكتاك توپ ئويناش .

   4 . يۇقىرى قان بېسىمىنى نورماللاشتۇرىدىغان ھەرىكەت : پىيادە سەيلە قىلىش ، ۋېلسىپىت مىنىش .

   5 . ئورۇقلىتىدىغان ھەرىكەت : سۇ ئۈزۈش ، چاڭغا تېيىلىش ، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش .

   6 . بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدىغان ھەرىكەت : پىيادە تېز يول مېڭىش ، ئاستا يۈگۈرۈش

   7 . بەدەننى گۈزەللەشتۈرىدىغان ھەرىكەت : گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئويناش ، قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش .

   8 . يۈرەكنى ساغلام قىلىدىغان ھەرىكەت : مەنزىرىلىك ، ھاۋالىق جايلاردا سەيلە قىلىش .

   9 . ئادەمنى تېز قېرىتىدىغان ئامىل : ھورۇنلۇق ، چېچىلاڭغۇلۇق ، قالايمىقان خام خىيالنى كۆپ قىلىش .

   10 . ئادەمنى كېسەل قىلىدىغان ئامىل : چارچاش ، روھىي چۈشكۈنلۈك ، ئۇيقۇسىزلىق ، تاماقنى ۋاقتىدا يېمەسلىك .

   11 . كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرىدىغان ئامىل : ئاچ كۆزلۈك ، تاماقنى بەزىدە كۆپ ، بەزىدە ئاز يېيىش ، كېسەلگە نېمىنىڭ زىيانلىقلىقىنى بىلمەسلىك .

   12 . قان بېسىمنى جىددىي ئۆرلىتىۋېتىدىغان ئامىل : تولا ئاچچىقلىنىش ، ئۇيقۇسىزلىق ، زىيادە چارچاش .

   13 . ئادەمنى زىيادە سەمرىتىۋېتىدىغان ئامىل : كۆپ يېيىش ، ئاز ھەرىكەت قىلىش ، كۆپ ئولتۇرۇش .

مۇھەممەت كامىل تەييارلىغان


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تىك-تاك توپ ئويناش يىراقنى كۆرەلمەسلىك كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كۈندە 15 قېتىم يەر بېغىرلاڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .