تەنھەركەتتىن كېيىن ئازراق ھەسەل سۈيى ئىچىۋېلىڭ تەنھەركەتتىن كېيىن بەزى كىشىلەر دائىم دىگىدەك بېشى قېيىپ ، روھىي كەيپىياتى سولغۇن بولۇپ قالىدۇ بۇ ئاساسلىقى ھەركەت خارەكتېرلىك قەنت مىىقدارى تۆۋەن بولۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ

بەدەندىكى ئىسسىقلىق مىقدارى كەمچىل بولۇپ، قەنت مىقدارى تۆۋەنلىگەندە مۇشۇنداق ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. ئېغىر بولغاندا بېشى قېيىپ يىقىلىپ چۈشۈش ياكى نېرۋىسى ۋاقىتلىق قالايمىقانلىشىشتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

ئەمەلىيەتتە ھەر قېتىم تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللانغاندا ياندا ئېلىپ يۈرۈيدىغان سۇدانغا بىر قوشۇق ھەسەل قوشۇپ قويسا بۇ مەسىلە ھەل بولىدۇ. 


  تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن باش قېيىش، موسكوللار ئاغرىش، روھىي چۈشكۈن بولۇشتەك ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تەنھەركەتتىن كېيىن ئازران كاربون سۇ بىرىكمىسى تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم. نۇرغۇن تەييار يىمەكلىكلەرنىڭ ئىچىدە ھەسەلنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولۇپ، ئۇ تەنھەركەتتىن كېيىنكى ئىككى سائەت ئىچىدە بەدەننىڭ ئۆلچەملىك قەنت ھالىتىگە قايتىشىغا تېز سۈرئەتتە ياردەم بېرىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قىشتا مۇۋاپىق تەرلەش سالامەتلىككە پايدىلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياللار گۈزەللىكى ۋە چېنىقىش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .