يازدا ئادەم تەرلەپ تۇرىدۇ ئەمما، قىشتا ھاۋا سوغۇق بولغاچقا ھەم كىشىلەر سىرتقا چىقىپ كۆپ ھەرىكەت قىلمىغاچقا، تەرلەش پۇرسىتى ئاز بولىدۇ

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تەرلەش ئادەم بەدىنىدىكى نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە بولۇپ، قىشتىمۇ جىسمانىي ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق تەرلەپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇزۇن ۋاقىت تەرلىمەسلىك سالامەتلىككە پايدىسىز ئىكەن. 


  تەرلەش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىدىكى كېرەكسىز ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋەتكىلى ھەمدە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئەڭ مۇۋاپىق سەۋىيىدە ساقلىغىلى بولىدۇ.

قىشتا ئادەم قېلىن كىيىنىپ، ئاز ھەرىكەت قىلىدىغان ھەمدە ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدىغان بولغاچقا، بەدەندە توپلانغان ئىسسىقلىق ئاسانلىقچە تارقىلالماي، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مۇسكۇلنى چېنىقتۇرۇش سۈيدۈك تېمىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تەنھەركەتتىن كېيىن ئازراق ھەسەل سۈيى ئىچىۋېلىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .