30 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭ %30 ىدە ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرگەن، قاتتىق كۈلگەن ياكى سەكرەش قاتارلىق ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا سۈيدۈك تېمىپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ

بۇ ئاساسلىقى تۇغۇت سەۋەبىدىن مۇسكۇللارنىڭ ئىقتىدارى چېكىنگەنلىكتىن بولىدۇ. تۇغۇت جەريانىدا، سۈيدۈك يولى ئەتراپىدىكى مۇسكۇللار كۈچلۈك تارتىلىشقا ئۇچرايدۇ. ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولمىسا، ئەۋرىشىملىكى يوقاپ كېتىدۇ. 


جىنسىي يول مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىشلەپ بەرسە، تۇغۇتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، تۇغۇتتىن كېيىن جىنسىي يول مۇسكۇللىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىمۇ پايدىلىق. 


بۇنىڭدا: نەپەس ئېلىش مۇسكۇلنى يىغىش، داۋاملاشتۇرۇش قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنى ھەر قېتىمدا 10 مىنۇتتىن، كۈندە 2 قېتىم ئىشلەشنى 1 - 2 ئاي داۋاملاشتۇرسا، مۇسكۇلنى چېنىقتۇرۇپ، ئەۋرىشىملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا كەچتە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال يۈگۈرۈش ياخشى ئادەت ئەمەس تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قىشتا مۇۋاپىق تەرلەش سالامەتلىككە پايدىلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .