1 روھىي كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ ، كۆڭۈلگە خۇشلۇق كەلتۈرىدۇ 2 بەدەننىڭ ئىممۇنېتىت كۈچ

1. روھىي كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ ، كۆڭۈلگە خۇشلۇق كەلتۈرىدۇ . 


2.بەدەننىڭ ئىممۇنېتىت كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ . 


3. غەم -قايغۇ ۋە ئەندىشىنى يوقىتىدۇ . 


4. ناچار كەيپىياتنى يېڭىشكە ياردەم بېرىدۇ . 


5. ئوكسىگىن ۋە گلۇكوزىنى تولۇقلايدۇ . 


6. مۇسكۇلنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ۋە يىتىلدۇرىدۇ . 


7.بەدەننى قىزىتىپ ،قاننى جانلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ . 


8. ھېرىپ -چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . 


9 . چېنىقىش كۆڭۈلنى تىنىچلاندۇرىدۇ ،ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ . 


10. چېنىقىش ئارقىلىق بەدەندىكى غەمكىنلىك ۋە خامۇشلۇقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ . 


11.تولا ماڭغان كىشىنىڭ تېنى ساغلام بولىدۇ .تولا ياتقان كىشىنى كېسەل چىرمىۋالىدۇ . 


12.بەدەن چېنىقتۇرۇش - ئادەم بەدىنىنى روھلاندۇرىدىغان ،ساغلام قىلىدىغان شىپالىق دورا . 


13. بەدەنگە ئەڭ پايدىلىقى يەنىلا پىيادە مېڭىش ۋە گىمناستىكا ئويناش . 


14. دائىم يۈگۈرۈپ چېنىقسا ،مېڭە ،سەگەك ،ساغلام ،مېڭە تومۇرلىرى راۋان ،ئەۋرىشىم بولىدۇ . 


15. بەدەن چېنىقتۇرۇش - يۈرەكنى ساغلام قىلىدۇ ،يۈرەك ھەرىكىتىنى نورماللاشتۇرىدۇ . 


16 .بەدەن چېنىقتۇرۇش -كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ .كۆز سەزگۈسىنى ياخشىلايدۇ . 


17. بەدەن چېنىقتۇرۇش -چوڭ مېڭىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ . 


18.چېنىقىش -بەدەن مۇسكۇللىرىنى يېڭى ئوزۇقلۇققا ئىگە قىلىدۇ . 


19. بەدەن چېنىقتۇرۇش - ئادەمدىكى ھەرخىل يامان ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەيدۇ . 


20 .بەدەننىڭ ماسلىشىشچانلىق رولىنى ئاشۇرىدۇ . 


21 .بەدەننىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ . 


22.ئادەمنىڭ خاسلىقى ئۆزگىچىلىكىنى كۈچەيتىدۇ ۋە گەۋدىلەندۈرىدۇ . 


23 .ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى ياخشىلايدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ . 


24. تېز قېرىشىنى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىتىدۇ . 


25. ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلىكنى يېڭىشكە ۋە كونتىرول قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ . 


26. بەدەننى گۈزەللەشتۈرىدۇ . 


27. ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ .

 
28. روھىي جىددىيلىك ۋە بىئاراملىقنى تۈگىتىپ ،ئىرادىنى مۇستەھكەملەيدۇ . 


29. سۆڭەكلەرنىڭ چۈرۈكلىشىپ كېتىشى ۋە تۇيۇقسىز سۇنۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . 


30 .يۈرەك سانجىقى ،مېڭە قان تومۇر كېسەللىرى ۋە تۇيۇقسىز بولىدىغان ئۆلۈم – يېتىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . 


31 . قاندىكى ماي ،قەنتلەرنىڭ غەيرىيلىكىنى نورماللاشتۈرىدۇ . 


32. بەل ،پۇت -قول بوغۇملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ . 

 


33. بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ . 


34.يېڭى قان بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە قاننى تولۇقلايدۇ . 


35 .ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدىكى ئاغرىقلىرىنى يەڭگىللىتىدۇ . ھامىلىنى نورمال ۋە ساغلام قىلىدۇ . 


36. ئادەمنىڭ پىسخىكىسىنى ياخشىلاپ ،روھىنى ئۇرغۇتىدۇ ،تېتىك ،جۇشقۇن قىلىدۇ . 


37 . رېماتىزمنى كونترول قىلىپ ،بەدەن ئاجىزلاپ ،بەدەن يىگىلەشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . 


38. يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ ،قىزىل قان تۇمۇرلىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ساقلاپ ،بەدەننى يېڭىدىن ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ . 


39 . قىزىل قان ئاقسىلى ۋە قاننىڭ سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ . 


40 .قان قېتىشنىڭ ۋە پۇت قوللاردىكى تومۇرلارنىڭ كۆپۈپ چوڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . 


41 .يېڭى كېسەلدىن ، ئوپىراتسىيىدىن قوپقانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىدۇ . تېزرەك ماغدۇرىغا كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ . 


42 . يارا ئېغىزى ۋە ئوپېراتسىيىدە تىككەن جاينى تېزدىن ساقايتىدۇ . 


43 . كىشىلەرنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ ، ئۇرۇلۇش -سوقۇلۇش ،كۈتۈلمىگەن ھادىسلەردىن ، زەخمىلىنىشلەردىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ . 


44. ئاشقازان - ئۈچەي قاتارلىق ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ ،ھەزىمنى ياخشىلايدۇ . تېرىنىڭ زەخمىلىنىشى ،يۇقۇملىنىشىنى ئازايتىدۇ . 


45. زۇكام ،يۆتەل ،جىگەر ياللۇغى ۋە ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدىغان ئۈچ خىل چېنىقىش ئۇسۇلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كەچتە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال يۈگۈرۈش ياخشى ئادەت ئەمەس توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .