چوڭقۇرنەپەس ئېلىش يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئىلمىي تەتقىقات ۋە كېلىنىكلىقكۆزىتىش

 

 چوڭقۇر نەپەس ئېلىش . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئىلمىي تەتقىقات ۋە كېلىنىكلىق كۆزىتىش نەتىجىسىدە مۇنداق ئەھۋاللار بايقالدى : يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك كېسەللىكىگە گرىپتار بولغانئاغرىقلار زىيادە چوڭقۇر نەپەس ئالسا ، يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇرلىرىدا يىگىلەش ئالامىتى كۆرۈلىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، جانغا زامىن كېسەللىكلەر ، بولۇپمۇ يۈرەك تىقىلمىسى ، مېڭىگە قان چۈشۈش ۋە باشقا نۇرغۇن تاساددىپىيلىق ئەنە شۇنداق چوڭقۇر نەپەسئېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن ، شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەرگەن:‹‹يۈرەك تومۇرلىرى ، مېڭە تومۇرلىرى كېسەللىكىگە ، بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى چوڭقۇر نەپەس ئېلىشماھارىتىنى مەشىق قىلمىغىنى تۈزۈك››ئىكەن .

   ئارقىچىلاپ مېڭىش . ئارقىچىلاپ مېڭىش ياكى يۈگۈرۈش نورمال ھەرىكەت قىلمايدىغان مۇسكۇللارنى قوزغىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ، ئادەم تېنىنىڭتەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ، شۇڭا ياشانغانلار ئەتىگەنلىك مەشىقتە ئارقىچىلاپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ . بىراق ياشانغانلارنىڭ يۈرەك تومۇرلىرىنىڭ زاپاس ساقلاش ئىقتىدارى ياخشى بولمايدۇ . ئارقىچىلاپ مېڭىش ياكى يۈگۈرۈشبولسا ، تومۇرلارغا چۈشىدىغان بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ،بويۇننىڭيۆلۈنىشىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ بويۇن غول تومۇرىنى كۈچلۈك بېسىمغا دۇچار قىلىدۇ ، تومۇرنىڭ بوشلۇقىنى تارايتىپ ۋە چوڭ مېڭىگە بارىدىغان قاننىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ ، چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ، ھەتتا بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ يۆلىنىشى ئۆزگەرگەندە ھوشىدىن كېتىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ياشانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، تاسادىپىي پۇرسەتتە بىرەر قېتىم ئارقىچىلاپ مېڭىش سالامەتلىككە زىيان سالمايدۇ ، بىراق دائىم ئارقىچىلاپ مېڭىشتىن ھەزەر ئەيلىگەن ياخشى .

   تۇزلۇق سۇ ئىچىش . فىزىئولوگىيەلىك تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىدە مۇنداق كۆرستىلگەن:‹‹ئادەم ئۇخلىغاندىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا نەپەس ئالىدۇ ۋە تەرلەپ بەدەندىكى نۇرغۇن سۇنى خورىتىدۇ . سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا قان خېلىلا قويۇق ھالەتتە بولىدۇ ، مۇنداق ھالەتتە تۇزلۇق سۇ ئىچىش سۇسىزلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ–دە ، ئادەم ئېغىزى قۇرۇپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولىدۇ .

شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ئادەم سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا ، قان بېسىمى يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ ، بۇنداق ۋاقىىتتا تۇزلۇق سۇ ئىچىش قانبېسىمىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىپ ، ساغلاملىققا پايدىسىز ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ . مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ :‹‹سەھەردەئورندىن تۇرغاندا سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچىش ئەڭ توغرا تاللاش ، بۇنداق بولغاندا ، ئاجىرىلىپ كەتكەن سۇتەركىبىنى تولۇقلىغىلى بولۇپلا قالماستىن ، يەنە قاننى سويۇلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.››


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۆزىڭىزگە ماس كىلىدىغان چېنىقىش ئۇسۇللىرىنى بىلەمسىز تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ 45 خىل پايدىسى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .