پىيادە مېڭىش پۇل كەتمەيدىغان، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئورۇندا قىلغىلى بولىدىغان ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت، پىيادە مېڭىش قاندىكى ياغ ۋە قەنتنىڭ يىغىلىپ قېلىشى، قىزىل تومۇرنىڭ قېتىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

  تېز مېڭىش قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان بېسىمنى تۇراقلاشتۇرۇپ، يۈرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. قاننىڭ راۋان بولۇشى قان تومۇرغىمۇ پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، قان تومۇرنىڭ ئەۋرىشىملىقى ۋە ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ. 
 
  پىيادە ماڭغاندا ئالدى بىلەن ئاياغنى ياخشى تاللاش لازىم. ئەگەر پۇتنى غاجايدىغان ۋە قىستايدىغان، تىزنى ئەگكەندە بەدەننى بىئارام قىلىدىغان ئاياغلارنى كىيىۋالسا بەدەننى زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ، ياخشىسى پۇتنى زەخمىلەندۈرمەيدىغان، چەمى قېلىنراق ئاياغنى تاللاش كېرەك. ئاياغ پۇتنى قىستىمايدىغان، پۇت بارماقلىرى ئاياغ ئىچىدە ئەركىن ھەركەتلىنەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. 
 
لېكىن قىزىل قان تومۇر قېتىشىش ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكى بارلار چوقۇم دوختۇرنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن پىيادە مېڭىپ، ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياشلاردىكى بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ كەملىكى قان تومۇر دىۋارىنىڭ قېلىنلاپ كېتىشىنى كەل تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چېنىقىش ئارقىلىق بەدەن ساغلاملاشتۇرۇشتا تۆۋەندىكى تۆت خىل مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .