1 ھەرىكەت قىلىش- مېڭىنى جانلاندۇردۇ چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ

 1.   ھەرىكەت قىلىش- مېڭىنى جانلاندۇردۇ. چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ چوڭ مېڭىنىڭ زەئىپلىشىپ كېتىشى، چوڭ مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
 
2.     ھەرىكەت قىلىش- بەدەندىكى ماينى ئۈنۈملۈك خورىتىدۇ. يۈرەكنى ساغلام قىلىدۇ.
 
3.     ھەرىكەت قىلىش- ئۆپكە ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، ئۆپكىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇپ ماڭىدۇ.
 
4.  ھەرىكەت قىلىش- بەدەندىكى كالتىسى ماددىسىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، سۆڭەك چۈرۈكلىشىپ كېتىش، سۆڭەك سۇنۇش، سۆڭەك شالاڭشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
 
5.  ھەرىكەت قىلىش- بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىپ، بىھۇدە سەمرىپ كېتىشنىڭ ۋە تۇيۇقسىزلا ئۇرۇقلاپ كېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.
 
6.  ھەرىكەت قىلىش- مۇسكۇللارنىڭ كېرىلىش كۈچىنى ئاشۇردۇ. مۇسكۇللار چېكىىپ كېتىش ۋە يىگلەپ كېتىشنىڭ ئاكتىپ ھالدا ئالدىنى ئالىدۇ.
 
7.  ھەرىكەت قىلىش- تېرىنى ئىسىقلىق بىلەن تەمىنلەپ، تېرىنىڭ ئىلاستىكلىقى، پارقىراقىلىقىنى ساقلايدۇ. ھەر خىل تېرە كېسەللىكىلىردىن ساقلايدۇ.
 
8.  ھەرىكەت قىلىش- ھاردۇقنى چىقىردۇ، كۆڭۈلنى ئاچىدۇ، خۇشال قىلىدۇ، روھى- كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ، ئادەمنى تېتىك، روھلۇق، جۇشقۇن قىلىدۇ.
 
9.  ھەرىكەت قىلىش- ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلايدۇ، ئىشتاھانى ئاچىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشلايدۇ. بەدەن شەكلىنى چىرايلىق قىلىدۇ، ئەركىن- ئازادىلىك ھىس قلىدۇردۇ، روھى ئازادىلىك ئاتا قىلىدۇ.
 
10. ھەرىكەت قىلىش- ئۇمۇمەن ئالغاندا روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىق سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە يىتەكلەپ ماڭىدۇ. ئاز ھەرىكەت قىلىپ تولا ئۇخلاش قاننى سوۋىتىدۇ. بىر جايدا ئۇزاق ئولتۇرۋېلىش بەدەنگە ماي يىغىدۇ. ھەرىكەت قىلشلا – بەدەننى ساغلام، گۈزەل، كۈچلۈك قىلىدۇ.
 
<<ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپانلىرىنىڭ ياشاش تەجرىبىلىرى>> كىتابىدىن ئېلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھەرىكەت- شىپالىق دورا تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھەر ۋاخ تاماقتىن كىيىن 100 قەدەم مېڭىپ ئادەتلىنىش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .