بەزىلەر سەمىرىپ كېتىشتىن قورقۇپ تاماق يېيىشكە پېتىنالمايدۇ ، گۆش ۋە تۇخۇم دېگەندەك نەرسىلەر ئالدىراپ گېلىدىن ئۆتمەيدۇ ، بىراق شۇنداق قىلغانسېرى سەمىرىپ كېتىدۇ

ئەمەلىيەتتە گۈرۈچ تامىقى ، گۆش ، سۈت ۋە تۇخۇم يېمەسلىك ئادەمنىڭ ۋىتامىن B تۈرلىرىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا توسالغۇ بولىدۇ ، يېمىگەنسېرى سەمىرىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇنداق پەرھىزلەرگە باغلىق .
 
   چۈنكى ۋىتامىن B1 بولمىسا ، ئادەمنىڭ تېنى گىلۇكوزىنى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرالمايدۇ ؛

ياغنى كۆيدۈرىدىغان ۋىتامىن B2 كەم بولسا ، ئۇنداقتا بەدەندىكى ياغنىڭ مېتابولىزمى توسالغۇغا دۇچار بولىدۇ ، نەتىجىدە بەدەنگە ياغ يىغىلىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؛

ۋىتامىن B6 نىڭ ياردىمى بولمىسا ، بەدەندىكى ئاقسىل مېتابولىزم رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ ؛

ناۋادا B12 كەم بولسا ، بەدەندە ياغ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كىسلاتا شەكىللەنمەيدۇ-دە ، ياغ ، ئاقسىل ۋە كاربونلۇق مىنېرال ماددىلارنى بەدەن ئېھتىياجلىق مىقداردا قوبۇل قىلىش ئەمەلگە ئاشمايدۇ ، نەتىجىدە ئادەم چېنىققانسېرى ھەمدە پەرھىز تۇتقانسېرى سەمىرىپ كېتىدۇ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا سالامەتلىككە پايدىلىق سەككىز خىل ھەرىكەت تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ۋاسكېتبول ۋە ساغلاملىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .