نۇرغۇن كىشى بېلى ئاغرىسا ئاسانلىقچە دوختۇرغا كۆرۈنمەيدۇ ، نەچچە كۈندە ئوڭشىلىپ قالىدۇ دەپ قارايدۇ ۋاقىت ئ

  نۇرغۇن كىشى بېلى ئاغرىسا ئاسانلىقچە دوختۇرغا كۆرۈنمەيدۇ ، نەچچە كۈندە ئوڭشىلىپ قالىدۇ دەپ قارايدۇ . ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ ئېغىر بەل ئاغرىقىغا ئايلىنىشى مۇمكىن .

ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى بەل ئاغرىقىنى ھەرىكەت ئارقىلىق داۋالاش تامامەن مۇمكىن .


ئۇسۇلى مۇنداق : كارىۋاتتا ئوڭدىسىغا تۈز يېتىپ ، پۇتىڭىزنى يىغىپ پاچىقىڭىزنى قورسىقىڭىزغا تەگكۈزسىڭىز، ئاندىن ئىككى قول بىلەن پاقالچاقتىن قۇچاقلاپ بارماقلىرىڭىزنى كىرىشتۈرۈپ چىڭ تۇتۇۋالىسىز . مۇشۇ ھالەتتە ئىككى تەرەپكە قۇلاق ۋە مۈرىلىرىڭىز كارىۋاتقا تەگكىچە قايتا–قايتا 30 قېتىمدىن 50 قېتىمغىچە تەكرارلايسىز .

ھەر كۈنى ئەتىگەن قوپۇشتىن بۇرۇن ۋە كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىشلەپ بەرسىڭىز ئۈنۈمىنى كۆرىسىز .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كۈندە چېنىقىپ بەرسە مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى لىفىت ساقلىغىچە پەلەمپەيدە ماڭغان تۈزۈك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .