شۋېتسىيە ئالىملىرىنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتىغا قارىغاندا ، كۈندە چېنىقمايدىغان ئەرلەرگ

شۋېتسىيە ئالىملىرىنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتىغا قارىغاندا ، كۈندە چېنىقمايدىغان ئەرلەرگە قارىغاندا ، دائىم چېنىقىدىغان ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئاز بولىدىكەن .

شىۋېتسىيە كارولىنسكا تېببىي ئىنىستىتۇتى 1997 – يىلىدىن باشلاپ 45 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغان 45 مىڭ شۋېتسىيىلىك ئەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش ئەھۋالىنى ئون يىلدەك ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلغان .

بۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا ، دائىم ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغان ، خىزمەت بىلەن ئالدىراش يۈرىدىغان ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى دائىم چېنىقىدىغانلاردىن %20 يۇقىرى بولىدىكەن .

مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ھەرىكەتنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى بىلەنمۇ مۇئەييەن باغلىنىشلىق ئىكەن .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا پىيادە مېڭىپ چېنىققاندا دىققەت قىلىدىغان تۆت ئىش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تىزىنى قۇچاقلاپ دۇمىلاش ئارقىلىق بەل ئاغرىقىنى داۋالىغىلى بولىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .