سۇ تولۇقلىغاندا كالتسىينىمۇ تولۇقلاش كېرەك پىيادە ماڭغاندا سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرسە، جىسمانىي كۈچنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ ، لېكىن سۇنى كۆپ ئىچسە ، بەدەندىكى كالتسىي خوراپ كېتىدۇ شۇڭا سۇ تولۇقلىغاندا كالتسىينىمۇ مۇۋاپىق تولۇقلاش كېرەك


   سۇ تولۇقلىغاندا كالتسىينىمۇ تولۇقلاش كېرەك . پىيادە ماڭغاندا سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرسە، جىسمانىي كۈچنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ ، لېكىن سۇنى كۆپ ئىچسە ، بەدەندىكى كالتسىي خوراپ كېتىدۇ . شۇڭا سۇ تولۇقلىغاندا كالتسىينىمۇ مۇۋاپىق تولۇقلاش كېرەك .
 
   كالتەك توپ شەپكىسىنى تەتۈر كىيىش كېرەك . پىيادە چېنىققاندا ئەڭ ياخشىسى كالتەك توپ شەپكىسىنى تەتۈر كىيىش كېرەك .بۇنداق قىلغاندا ، ئارقا مېڭىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ ، ئاپتاپ ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
 
   پىيادە مېڭىپ چېنىققاندا دەسلەپتە ئاستىراق مېڭىش كېرەك . ئۇزاق ئارىلىققا پىيادە ماڭغاندا دەسلەپتە ئاستىراق مېڭىش كېرەك . ئۇنداق قىلمىسا ، پۇت مۇسكۇللىرى ئاسان زەخمىلىنىدۇ .
 
   جاراھەت چاپلىمىسىنى يەڭگۈشلىگەندە ، يېڭىسىنى كونىسى ئۈستىگە چاپلاش كېرەك . پۇت قاپىرىپ قالسا ، جاراھەت چاپلىمىسىنى ئىشلىتىمىز ، ئۇنى يەڭگۈشلىگەندە ، يېڭىسىنى كونىسىنىڭ ئۈستىگە بىۋاستە چاپلاش كېرەك . بۇنداق قىلغاندا يارىنىڭ سويۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ . '

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىزچىل بولغىنى ياخشى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كۈندە چېنىقىپ بەرسە مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .