بەزىلەر بەدەن چېنىقتۇرغاندا مېۋە سۈيىنى كۆپ ئىچىدۇ ئۇلار مېۋە سۈيىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C ۋە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت بار ، چېنىققاندا مېۋە سۈيىنى كۆپرەك ئىچسە ، ۋىتامىن تولۇقلاپلا قالماستىن ، يەنە قەنتنىمۇ تولۇقلاپ ، ھارغىنلىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ ،


 
    مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، مېۋە سۈيى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا قەنت بولۇپ ، بەدەنگە ئېنېرگىيە تولۇقلاشتا ياخشى رول ئوينايدۇ . ئەمما بەدەن چېنىقتۇرغاندا ئەڭ كۆپ خورايدىغىنى يەنىلا سۇ بولغاچقا ، بۇ ۋاقىتتا يەنىلا سۇ تولۇقلاش زۆرۈر . ئەگەر شارائىت يار بەرسە ، ئازراق تۇز سېلىنغان سۇ ئىچسە ، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .
 
   بەزى كىشلەر ئادەم چېنىققاندا بەدەن قەنتنى خورىتىش ئارقىلىق ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدۇ . شۇڭا ، چېنىقىش داۋامىدا مېۋە سۈيى ئىچىپ قەنت تولۇقلاش زۆرۈر ، دەپ قارايدۇ .ئەمەلىيەتتە چېنىقىش داۋامىدا قەنت تولۇقلىسا ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا رول ئوينىشى ناتايىن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ھەرىكەت قىلىۋېتىپ مېۋە سۈيى ئىچسە ، ئادەمنى تېخىمۇ ئۇسسىتىۋېتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن چېنىقىش ئۈنۈمىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ .
 
   ئۇنىڭدىن باشقا ، مېۋە سۈيى تەركىبىدىكى قەنتنىڭ قۇيۇقلۇقى ئادەتتە %10—%40 بولۇپ ، چېنىقىش جەريانىدا مېۋە سۈيى ئىچسە ، قەنت تولۇقلاش ئۈنۈملۈك بولمايلا قالماي ، بەلكى يەنە ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن كۆپ مىقداردىكى قان ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىغا سەرپ قىلىنىپ ، مۇسكۇللارغا يەتكۈزۈلىدىغان قان ، ئوكسېگىن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار ئازىيىپ ، ھەرىكەت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . ئەمەلىيەتتە چېنىقىپ بولغاندىن كېيىن ، مۇۋاپىق مىقداردا مېۋە سۈيى ئىچسە بەدەنگە ئېنېرگىيە تولۇقلاپ ، ھاردۇق چىقىرىدۇ . 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بويۇن ئومۇرتقىسىنى چېنىقتۇرسا بولمايدىغان كىشىلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىزچىل بولغىنى ياخشى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .