يەر شارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 22-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا شوتلاندىيەدىكى بىر ئانا بىلەن قىزنىڭ ۋىدىيوسى كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان

ۋىدىيودا ئەمدىلا 13 ھەپتىلىك (3 ئاي بىر ھەپتىلىك) بولغان ئېللې رېد ئاپىسىنىڭ ئېنگلىز تىلىدا «مەن سېنى سۆيىمەن» دېگىنىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قايتىلاپ «مەن سېنى سۆيىمەن» دېگەن.

بۇ ئاڭلاشتا ھەرگىزمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، چۈنكى بوۋاقلار ئادەتتە 12 ئايدىن 18 ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا گەپ قىلىشنى ئۆگىنىدۇ، يەنە كېلىپ ئەڭ ئاددىي سۆزلەرنى، يەنى «ئاپا»، «دادا» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلالايدىغان بولىدۇ. ئېللې ھەقىقەتەن مۆجىزە ياراتقان.

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تېرىملىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى جاڭگال كاۋاپلىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .