ئاياللىق—ئەجداد ۋە ئەۋلاد مەرۋايىتلىرىنى تىزغۇچى رىشتە تەربىيە پائالىيىتىنىڭ مۇقەددەس ساھىپى — ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئاياللار پاساھەتلىك مەدھىيە سۆزلىرى


   ئاياللارنىڭ ئەقىل–پاراسىتى ئەرلەرنى مۇھەببىتىگە سادىق قىلىدۇ .

— سونومولنىسكىي

   ساھىبجامال ئايال كۆزگە ئارام بېغىشلايدۇ . دىيانەتلىك ئايال كۆڭۈلگە دەرمان بېغىشلايدۇ .

— د.ۋارد

   بىر گۈزەل ئايال ئۈچۈن ئالىيجاناپ قەلبنىڭ سەمىمىي–ساداقىتىنى ساقلاش ئىنتايىن قىممەتلىك ئەخلاق–پەزىلەتتۇر .

   بىر ئايال پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ بىر مەھەل ئۆزىنى كۆرسىتىۋېلىشى مۇمكىن . بىراق باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتىگە تاينىپ قولغا كەلتۈرىدۇ... ھەقىقىي گۈزەللىك ئۆزىدە نامايەن بولۇپ تۇرىدىغان روھىي تېتىكلىكتە .

— روسسۇ

   ئالىيجاناپ قىزلار يىگىتلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قارىغاندا قەلب دۇنياسىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ .

— شېكىسپىر

   ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ، ئايالىنىڭ گۈزەل بولۇشى ئەمەس ، ئەقىللىق بولۇشى مۇھىم .

— چىخوپ

   تالانت بىلەن گۈزەللىك ئاياللارنىڭ پېشانىسىدە پارلاق نۇر چېچىپ ، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ . باشقىلارنىڭ ھەسەتخورلۇقىنى قوزغايدۇ . تۆھمەتكە ئۇچرىتىدۇ .

 ۋاپادارلىقى ساختا ئايال ھامان بىتاقەتلىك بىلەن چاكىنا چىرايىنى بازارغا سالىدۇ .

— بالزاك

   ئاياللارنىڭ كۈلۈمسىرىشى ئۆيدىكى ھەممە بالا قازالارنى قوغلىۋېتەلەيدۇ ، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى .

— تاگور

   قىزلارغا نىسبەتەن ئاق كۆڭۈللۈك ئەڭ ياخشى پەرداز .

— روللان

   ئايالنىڭ قەدىر–قىممىتى ئۇ سۆيگەن ئەردىن بىلىنىدۇ . ئايال بولغانىكەن ، ئالدى بىلەن ئۆزىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىۋېلىشى كېرەك .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاداۋەت ساقلىماسلىقمۇ ئالىي پەزىلەت تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .