ھەممە كىشىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئىستېمال پىلانى بولىدۇ ئۇنداقتا چەت ئەلدە ياشانغانلار پۇلنى قانداق خەجلەيدۇ؟


  ياپونىيەدە: ياشانغانلار توردا مال سېتىۋېلىشنىڭ ‹‹ئاساسىي قوشۇنى››

  ياپونىيەدە ياشانغانلارنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، توردا خام، يېڭى مەھسۇلاتلار، پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالىدىغانلار %53 نى، كومپيۇتېر، ITغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالىدىغانلار %54 نى ئىگىلەيدۇ؛ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، دورا سېتىۋالىدىغانلارمۇ خېلى كۆپ .

  ياپونىيەدىكى نۇرغۇن سودا ساراي، تاللا بازارلىرى ياشانغانلارغا مەخسۇس مۇلازىمەت قىلىدىغان ‹‹تور دۇكىنى›› ئاچقان. ياشانغانلار توردا مال بۇيرۇتسىلا، سودا سارايلىرى مالنى ئۆيگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

  كورېيەدە: مەدەنىيەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش چىقىمى ئاز

  كورېيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال چىقىمى ئازلاپ كەتكەن. ئامېرىكا، ياپونىيەگە قارىغاندا، كورېيەدىكى ياشانغانلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك، توك، سۇ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى چىقىمى يۇقىرىراق، ئەمما كۆڭۈل ئېچىش چىقىمى ئاز ئىكەن.

  ئامېرىكىدا: ياشانغانلار ئاپتوموبىل ئۆينى ھەيدەپ ساياھەت قىلىدۇ

  ئامېرىكا ئاپتوموبىل ئۆي جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئامېرىكىدا ئاپتوموبىل ئۆيى بارلار ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى 7 مىليون 900 مىڭدىن 8 مىليون 900 مىڭغا كۆپەيگەن بولۇپ، ئاساسلىق ئىستېمالچىلىرى پېنسىيەگە چىققان ياشانغانلار ئىكەن.

  پېنسىيەگە چىققان بەزى ياشانغانلار ئۆيىنى سېتىۋېتىپ، ئاپتوموبىل ئۆي سېتىۋېلىپ ساياھەت قىلىدىكەن، بەزى ئەر – خوتۇنلار چوڭ ئاپتوموبىل ئۆي سېتىۋېلىپ، بىر تەرەپتىن، يۈك توشۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ساياھەت قىلىدىكەن.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۆزىڭىزنىمۇ ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئالتە باسقۇچى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .