*ئاسپىرىن :گەرچە ئاسپىرىن ياكى ئاسپىرىن تەركىبلىك دورىلار بالىلاردىكى زۇكام ،قىزىش

 

*ئاسپىرىن :گەرچە ئاسپىرىن ياكى ئاسپىرىن تەركىبلىك دورىلار بالىلاردىكى زۇكام ،قىزىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئوبدان پايدا قىلسىمۇ ،ئەمما 12 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ئۇنداق دورىلارنى يىگۈزۈشتىن ئېھتىيات قىلغان ياخشى .چۈنكى ئۇنداق دورىلار ئاسانلا ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ . 


بالىلار زۇكام بولغاندا ئىچكۈزىلىدىغان مۇرەككەپ رېتسىپلىق ئاسپىرىن تەركىبلىك دورىلاردا كوففېئىن بولۇپ ،ئۇنىڭ روھلاندۇرۇش رولى بار .ئەگەر بالا قىزىغاندا ،مۇرەككەپ رېتسىپلىق ئاسپىرىننى يېگۈزگەندە ،<<ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك >>ئىش بولىدۇ .بالا ھەددىدىن ئارتۇق تەرلەپ سۇسىزلىنىپ كېتىدۇ . 


*ۋىتامىن A : ئۇ كۇمۈرچەكنىڭ يىتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ .ئەمما ھەددىدىن كۆپ ئىستىمال قىلسا ،سۆڭەك كۆمۈرچەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىش جەريانىنى ئاستىلىۋىتىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا ،سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ،كۆمۈرچەك ھۈجەيرىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ ،بالىنىڭ بويىنى پاكار قىلىپ قويىدۇ . 


* قۇۋۋەت دورىلىرى :كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلار چوڭلار ئىچىدىغان بىر قىسىم قۇۋۋەت دورىلىرىنى بالىلارغىمۇ ئىچكۈزىدۇ .ئەمەلىيەتتە بەزى چوڭلار ئىچىدىغان قۇۋۋەت دورىلىرى تەركىبىدە ھورمون ياكى ھورمۇن رولى بار ماددىلار بولۇپ ،بالىلار ئىستېمال قىلسا ،ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ . 


بەزى دورىلار بالىلارنىڭ ئىچكى ئاجراتمىلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ .مەسىلەن ،بالىلار تەركىبىدە ئورىزانول (گوۋىيسۇ) كۆپ بولغان پىچىنە - پىرەنىكلەرنى كۆپ يېسە ،ئاسانلا ئەسۋە چىقىش ،چاچ چۈشۈش قاتارلىق ئەكس تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ . 


*ئانتىبىئوتىك دورىلار :بالىلارنىڭ ئانتىبىئوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتكەندە ،بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى باكتېرىيىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ،بالىلارنىڭ باشقا ئەزالىرى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكتىن ،ئانتىبىئوتىك دورىلارنىڭ قوشۇمچە ئەكس تەسىرىدىن ئۇلارنىڭ ئەزالىرى ئاسان زىيانغا ئۇچرايدۇ . 


*قىزىتما قايتۇرۇش دورىلىرى :بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپۇراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى تېخى مۈكەللەشمىگەنلىكتىن ،بەدەن ئىسسىقلىقىنى ساقلاش ،تەرلەش ،قىزىتمىنى ياندۇرۇش ئىقتىدارى قورامىغا يەتكەنلەرنىڭكىدىن ناچار بولىدۇ .ئەگەر بوۋاق قىزىپ قالسا ،قىزىتما ياندۇرۇش دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك .قىزىتما ياندۇرۇش دورىلىرى مەسىلەن ،ئاسىپىرىن ،بالىلاردىكى قىزىتمىنى ياندۇرۇش كاپسولى قاتارلىقلارنى بوۋاقلارغا ئىشلىتىش چەكلەنگەن .ئەڭ ياخشىسى بوۋاقلار قىزىپ قالغاندا فىزىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قىزىتمىنى ياندۇرۇش كېرەك .يەنى بوۋاقنىڭ بەدىنىنى ئىسپىرت بىلەن سۈرتۈش ،سوغۇق سۇ قاچىلانغان گرىلكىنى بېشىغا قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ ئۈنۈمى ياخشى .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ساغلام بوۋاقلارغا كالتسىي تولۇقلاش ھاجەتسىز تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىغا قولىڭىزدا تاماق يېگۈزمەڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .