1 ۋاقتىدا كىچىكتەرەت قىلماسلىق بالىلار ۋاقتىدا كىچىكتەرەت قىلمى

 

1. ۋاقتىدا كىچىك تەرەت قىلماسلىق . بالىلار ۋاقتىدا كىچىك تەرەت قىلمىسا ، ئاسانلا دوۋساق ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ .

2. تىرنىقىنى چىشلەش . تىرناق تېگىدە نۇرغۇن مىكروب بولۇپ ، تىرناقنى چىشلىگەندە ، مىكروبلار ئېغىز ئارقىلىق بەدەنگە كىرىپ تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ .

3. كەچتە چىشىنى چوتكىلىماسلىق ، تاماق قالدۇقلىرى چىش ئارىلىقىغا ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالسا ، چىشنى چىرىتىپ تۈرلۈك چىشكېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ .

4. تاماقنى بەك تۇزلۇق يېيىش . كىچىك بالىلار تۇزلۇق تاماقنى كۆپ ئىستېمال قىلسا ، بەدەنگە سۇ يىغىلىپ ، بۆرەكتە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ ؛

5. دائىم كۆزنى ئۇۋۇلاش ؛ بۇنداق قىلغاندا قولدىكى مىكروبلار ئاسانلا كۆزگە كىرىپ كېتىپ ، كۆز كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ .

6 . تۈگۈلۈپ ئۇخلاش : بالىلاردىكى بۇ خىل يامان ئادەتئۇزاق داۋاملاشسا ، بەدەننىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ .

7 . چىشنى غۇچۇرلىتىش ، بالىلار چىشىنى دائىم غۇچۇرلاتسا ، ئۇلارنىڭ چىشى بوشىشىپ ،ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدۇ ھەمدە باش ، بەل ، قۇلاق ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەمچەكنى ئاسراش تەدبىرلىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ساغلام بوۋاقلارغا كالتسىي تولۇقلاش ھاجەتسىز توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .