1 بوۋاققا دورىنى ئەڭ ياخشىسى ئېمىتىشتىن بۇرۇن ئىچۈرۈش كېرەك چۈنكى بوۋاق ئېمىپ بول

1. بوۋاققا دورىنى ئەڭ ياخشىسى ئېمىتىشتىن بۇرۇن ئىچۈرۈش كېرەك. چۈنكى بوۋاق ئېمىپ بولغاندىن كېيىن قورسىقى تويغاچقا دورا ئىچىشكە ئۇنىمايدۇ ياكى قورسىقى بەك تويۇپ كەتكەچكە ئىچكەن تەقدىردىمۇ ياندۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

2 . بوۋاقلارنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارى مۇكەممەل يېتىلىپ بولمىغاچقا، ئادەتتە ئۇلارغا سۇيۇق، ئاسان ئىچۈرگىلى بولىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش؛ تابلېتكىلىق ياكى كومۇلاچ دورىلار بولسا ئالدى بىلەن ئۇلارنى يانجىپ ئۇن ھالىتىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئىچۈرۈش كېرەك. ئەگەر دورىنىڭ تەمى بەك قىرتاق بولسا، ئازراق شېكەر قوشۇۋەتسىمۇ بولىدۇ.

3. دورىنىڭ ئۆپكىسىگە كەتمەسلىك ئۈچۈن بوۋاقنىڭ بېشى بىلەن مۈرىسىنى ئېگىز قىلىپ تۇرۇپ ئاندىن قوشۇق بىلەن ئىچۈرۈش كېرەك.

ئۇندىن باشقا، تېمىتىش نەيچىسىنىڭ ئىچىگە سۈمۈرتۈپ ئەكىرىپ، بوۋاقلارنىڭ شوراش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئىچۈرۈش كېرەك.

ئەگەر دورا پاراشوكىنىڭ مىقدارى ئاز بولسا، دورىنى ئەمچەك توپچىسى ئۈستىگە سۈرتۈپ، بالىنى ئەمدۈرۈش ئارقىلىق ئىچۈرسىمۇ بولىدۇ.

ئەگەر بوۋاق دورىنى يۇتۇۋېتىشكە ئۇنىمىسا، ئاتا-ئانىلار ئىككى بارمىقى بىلەن بوۋاقنىڭ ئىككى مەڭزىنى ئاستا ئۇۋۇلاپ بېرىش، ھەرگىز بۇرنىنى سىقىپ مەجبۇرى ئىچۈرمەسلىك كېرەك. بۇنىڭدا ئاسانلا دورا كانايغا تۇرۇپ قېلىپ نەپەس توختاپ قېلىش كېلىپ چىقىدۇ.

مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلنى قوللانمايلى دورىنى ئىچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بالىنى كۆتۈرۈپ دۈمبىسىگە ئاستا ئۇرۇپ، ئاشقازىنىدىكى ھاۋانى چىقىرىۋېتىش كېرەك. بۇنىڭدا دورىنى ياندۇرۇۋېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، بوۋاقنى ياتقۇزغاندا بېشىنى بىر يانغا سىڭايان قىلىپ قويۇش كېرەك. بۇنىڭدا قۇسۇقنى يۈتۈۋېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىلارنى قاتتىق چايقىماسلىق كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالام ساغلام بولسۇن دېسىڭىز تۆۋەندىكى 20 ئىشنى بىلىۋېلىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .