ئانىلار بوۋاقنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى بوۋاقنى

ئانىلار بوۋاقنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى بوۋاقنى ئۇپىلاپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن قىز بوۋاقلارنى ئۇپىلىغاندا تۆۋەندىكى تەرەپكە دىققەت قىلىش كېرەك. يەنى بوۋاقنىڭ ئىككى يىرىقى، سىرتقى جىنسىي ئەزاسى، تۆۋەنكى قورساق قىسمى قاتارلىق جايلىرىنى ئۇپىلىماسلىق كېرەك.

چۈنكى قىزلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇپىنى سۈرۈش جەريانىدا ئۇپا توزۇندىلىرى جىنسىي ئەزانىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. ئۇپىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى تالك پاراشوكى بولۇپ، ئۇ تۇخۇمدانغا ئىنتايىن زىيانلىق .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىغا ‹‹يىڭناسقۇ›› چىقىپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالا ئېھتىياجلىق مىنېرال ماددا توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .