بالىلارغا ئادەتتە ئالتە–يەتتە ئايلىقتىن باشلاپ چىش چىقىشقا باشلايدۇ بەزى بالىلارنىڭ سەل بالدۇر بولۇپ ئۈچ–تۆت ئايلىق بولغاندىلا چىش چىقىدۇ ئىككى ياش ئەتراپىدا 20تال سۈت چىشى چىقىپ بولىدۇ

dohtur.com/uploadfile/2011/0107/20110107032644406.jpg" style="width: 392px; height: 264px; " />

چىش چىقىشتا ئالدى بىلەن ئاستى–ئۈستى ئوتتۇر چىش چىقىدۇ. ئاندىن يېنىدىكى چىشلار تارتىپ بويىچە چىقىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ بۇنداق بولماي قېلىشىمۇ مۇمكىن.

بالىلارغا چىش چىقىشنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىكى بالىلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، چىش چىقىش بەك كېچىكىپ كەتسە، دوختۇرغا ئاپىرىپ قالقان بەز ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش ئەھۋالى ياكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى بارمۇ–يوق تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.

كۆپىنچە بالىلارغا چىش چىققاندا باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن بەزىلىرىدە ئازراق قىزىش، جىلىخو بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

بەزىلىرى بىر نەرسىلەرنى چىشلەشنى ياخشى كۆرىدۇ. بالىلارنىڭ يۈتۈش ئىقتىدارى تازا تولۇق يېتىلىپ بولالمىغاچقا بەزىلىرىنىڭ ئاغزىدىن توختىماي شال ئاقىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال بولۇپ چىشى چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئوڭشىلىپ قالىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە ئاسان گىرىپتار بولۇشىنىڭ سەۋەبى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىغا ‹‹يىڭناسقۇ›› چىقىپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .